بازاردا ئەندىشە كەيپىيات كۈچلۈك بولدى

xayida 2018-03-23 12:58:23

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پەيشەنبە (3-ئاينىڭ 22-كۈنى ) خەلىقئارا نېفىت باھاسى 7 ھەپتىدىكى يۇقىرى نۇقتىدىن قايتا تۆۋەنلىدى ، چۈنكى ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارىغا قارىتا ئەندىشە كەيپىيات كۈچەيدى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سودا ئۇرۇشى خەتىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشى ئامېرىكا پايچىكىنىڭ چوڭ كۆلەمدە تۆۋەنلىشى نېفىتقا ئوخشاش خەتىرى بولغان مۈلۈكلەرگە ئەندىشە پەيدا قىلدى ،دوللار باھاسى ئۆرلەپ يەنىلا نېفىت باھاسىغا بېسىم ئىلىپ كەلدى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 64.25 دوللار\باك بولدى ، برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 68.59 دوللار\باك بولدى .

گەرچە تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئامبار قالدۇقى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ،ئامېرىكا خام نېفىت ۋە تەييار ماي ئىسكىلات قالدۇقى بىردەك ئازايغان بولسىمۇ ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يەنىلا مۇقىم ئۆرلىدى ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن % 0.3 كۆپەيگەندىن كېيىن، ھەر كۈنى10 مىليون 400 مىڭ باك ھالەتتىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى ، ھەمدە ئامېرىكا داۋاملىق ھالقىپ ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۇنيا بويىچە 2 - چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلىتى بولدى ، ھەمدە روسىيە مەھسۇلات مىقدارى سەۋىيىسىگە يەنىمۇ بىر قەدەم يېقىنلاشتى .

بازار ئانالىزچىلىرى ئامېرىكا سلانېتس مېيى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ سىجىل ئۆرلەپ ،نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر (OPEC) تەشكىلات نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتى ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋىتىشىدىن ئۇدا ئەندىشە قىلدى. ئۈندىدار:xaidaa216

بېيجىڭ ۋاقتى 01:12 دا ،ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 64.50 دوللار\باك بولدى .

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.