نېفىت باھاسى چوڭ نىسبەتتە ئۆرلىدى

xayida 2018-03-22 15:54:00

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى:چارشەنبە(3-ئاينىڭ21-كۈنى )خەلىقئارا نېفىت باھاسى %2 ئەتراپىدا ئۆرلەپ ،6ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى شەكىللەندۈردى ،چۈنكى ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى پايدىلىق چىقتى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دوللار باھاسى تۆۋەنلەپ يەنىلا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش يۆلىنىشىگە ياردەم قىلدى . ئامېرىكا WTIقەرەللىك نېفىت باھاسى يۇقىرى باھا 65.17 دوللار \باك ئەتراپىدا بولدى ، برېنىت نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ 69.47 دوللار\باك بولدى .

ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى ( EIA ) چارشەنبە كۈنى ( 21 - مارت ) ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ،3-ئاينىڭ16-كۈنى شۇ ھەپتە ،ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى 262.2مىڭ باك تۆۋەنلەپ ،4.283 يۈز مىليون باك بولدى . بازار ئالدىن مۆلچەرىدە 255.6 مىڭ باك ئاشقان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئامېرىكا چەككىلەنگەن ماي زاپاس مىقدارى 202.2 مىڭ باك تۆۋەنلەپ ، 6 ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن ئورۇنغا چۈشتى ، بازار ئالدىن مۆلچەرىدە 174.6 مىڭ باك تۆۋەنلىگەن . ھەمدە ئامېرىكا بېنزىن زاپاس مىقدارى 169.3 مىڭ باك تۆۋەنلىدى ، ھەمدە ئۇدا 3 ھەپتە ئۆزلۈكسىز تۆۋەنلىدى ،بازار ئالدىن مۆلچەرىدە 200.8 مىڭ باك تۆۋەنلىگەن .

گەرچە شۇنداق بولسىمۇ ، ئالدىنقى ھەپتىلىك ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئاشتى ، ھەمدە ئۇدا 4 ھەپتە ئۆرلەپ تارىختىكى يىڭى يۇقىرى ھالەتنى شەكىللەندۈردى . ئانالىزچىسى مۇنداق دەپ قارىدى :ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ ، ئەندىشە قىلىش كەيپىياتى بازاردا يەنىلا ئېغىر ،ھەمدە بۇ ئەھۋال نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر (OPEC) تەشكىلات نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتى ئىلىپ كەلگەن پايدىلىق ئۈنۈمنى تۆۋەنلەتتى . بىراق بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ،نېفىت زاپاس مىقدارى تۆۋەنلىدى ، ھەمدە ئىران بىلەن ۋېنېسۇئېلا قارىتا پايدىلىق خەۋەرلەر ، نېفىت باھاسىغا قىسقا ۋاقىت تىرەك ئىلىپ كەلدى .

بېيجىڭ ۋاقتى 00:57 دا ،ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 65.05 دوللار\باك بولدى .

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.