يېقىنقى مەزگىلدە نېفىت بازىرىغا پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئۇچۇرلار

parida 2018-03-22 13:19:15

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چارشەنبە كۈنى (3-ئاينىڭ 21-كۈنى) ئامېرىكا غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ 5-ئايلىق قەرەللىك مال باھاسى %2.57 ياكى 1.63 دوللار ئۆرلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 65.17 دوللارغا چىقتى. برېنت خام نېفىتىنىڭ 5-ئايلىق قەرەللىك مال باھاسى %3.04 ياكى 2.05 دوللار ئۆسۈپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 69.47 دوللارغا چىقتى. ئامېرىكا خام زاپسى دوكلاتىنىڭ نەتىجىسى ماي باھاسىغا پايدىلىق بولۇپ، ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى يىغىنىدىن كېيىن دوللار كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلىدى، دوللارنىڭ كاساتلىشىشىمۇ خام نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش بوشلۇقىنى كېڭەيتتى. ئامېرىكا غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى سودا داۋامىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 65.55 دوللارغا، برېنت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك مال باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 69.86 دوللارغا چىقتى.
يېقىنقى مەزگىلدە نېفىت باھاسىغا پايدىلىق ئامىللار
ئامېرىكا ئىنېرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسى (EIA) چارشەنبە كۈنى (3-ئاينىڭ 21-كۈنى) ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە، ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى زور مىقداردا ئازايغان، بازار خام نېفىت زاپسى ئاشىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى. ئامېرىكا چەككىلەنگەن ماي زاپسىمۇ ئۇدا ئالتە ھەپتە تۆۋەنلىگەن، بۇمۇ بازارنىڭ مۆلچەرىدىن يۇقىرى بولغان. ئامېرىكا بېنزىن زاپسى ئۇدا ئۈچ ھەپتە تۆۋەنلىگەن. يېقىنقى مەزگىلدە ماي باھاسىغا پايدىلىق بولغان يەنە بىر مۇھىم ئامىل بولسا، ئامېرىكا ئېرانغا قارىتا يەنە بىر قېتىم جازا يۈرگۈزۈشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئېران ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىشىمۇ، يەرلىكنىڭ خام نېفىت بىلەن تەمىنلەش لېنىيىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋىپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا ئىنېرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسى (EIA) نىڭ ئەڭ يېڭى ئايلىق دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋېنىسۇئېلا يەنىلا دۇنيادىكى ئاساسلىق خام نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىر مۇقىمسىز ئامىل بولۇپ، نېفىت بازىرىدا تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرالماسلىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن ئامېرىكا ئىنېرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسى (EIA) 2018-يىلى دۇنيا خام نېفىت ئېھتىياجىنىڭ يەنىمۇ ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
يېقىنقى مەزگىلدە نېفىت باھاسىغا پايدىسىز ئامىللار
ئامېرىكا ئىنېرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسى (EIA) چارشەنبە كۈنى (3-ئاينىڭ 21-كۈنى) ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە، ئوكلاخوما شىتاتىدىكى ئەڭ چوڭ خام نېفىت ئىسكىلاتىنىڭ زاپسى زور دەرىجىدە ئاشقان، 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالدىنقى ھەپتىدە ئامېرىكا دۆلەت ئىچى خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى تۆت ھەپتە ئۇدا ئېشىپ يېڭى تارىخىي سەۋىيە ياراتقان.
ئامېرىكا نېفىت مۇلازىمەت شىركىتى Baker Hughes ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە، ئامېرىكا نېفىت بۇرغىلاش قۇدۇقىدىن تۆتىسى ئېشىپ 800 قۇدۇققا يەتكەن. تېخىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە، ئامېرىكا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بۇرغىلاش ئومۇمىي سانى ئالتە قۇدۇق كۆپىيىپ 990 قۇدۇققا يەتكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) ئەڭ يېڭى ئايلىق دوكلاتىدا، 2018-يىلى غەيرىي ئوپېك تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. ماي باھاسىنىڭ يۇقىرىلىشى ئامېرىكا سىلانېتس مېيى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن، ئوپېك تەشكىلاتىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش ھەركىتى ھەمدە ۋېنىسۇئېلا نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ماي باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.