مەھسۇلات مىقدارى قايتا ئۆرلەپ ، نېفىت باھاسىغا بېسىم ئىلىپ كەلدى

xayida 2018-01-19 16:48:28

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پەيشەنبە(1-ئاينىڭ 18-كۈنى )خەلىقئارا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ ، بارا-بارا تەڭپۇڭ ھالەتكە يېقىنلاشتى ،چۈنكى ئامېرىكا نېفىت ۋە چەككىلەنگەن ماي زاپاس مىقدارى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىدى ،لېكىن ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارى قايتا ئۆرلەپ ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىگە قارىتا ئەندىشە كەيپىياتىنى كۈچەيتتى ، بىراق دوللار باھاسى ئۆزلۈكسىز تۆۋەنلەپ ،يەنىلا نېفىت باھاسىغا بەلگىلىك تىرەش ئىلىپ كەلدى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ ، تۆۋەن باھاسى 63.48 دوللار\باك بولدى ،برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەنلەپ ، تۆۋەن باھاسى 68.81 دوللار\باك بولدى .

ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى ( EIA ) ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ،1-ئاينىڭ 12-كۈنى شۇ ھەپتە ،ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلەپ 686.1 مىڭ باك بولدى ، ھەمدەبازار ئالدىن مۆلچەرى 353 مىڭ باكدىن ئېشىپ كەتتى ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا نېفىت ئىلمىي جەمئىيىتى (API ) سەل بالدۇر ئېلان قىلغان دوكلاتىدا تۆۋەنلەش نىسبىتى 512.1 مىڭ باك بولدى .

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئامېرىكا نېفىت ئاساسلىق ھېسابنى ئۈزىدىغان جاي ئىشتاتى كۇشىڭ رايونىدىكى ئىسكىلاتتا ساقلىنىۋاتقان ئىسكىلات قالدۇقى 418.4 مىڭ باك ئازايدى ،ھەمدە ئامېرىكا خام نېفىت ئومۇمىي زاپىسى تۆۋەنلەپ يىلدىن بۇيان ئوخشاش مەزگىلدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيىگە يېقىنلىشىغا ياردەم قىلدى . ئۈندىدار:xaidaa216
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.