بۇ ھەپتە ئىككى چوڭ توختام باھاسى بىردەك ئۆرلىدى

xayida 2018-01-18 16:16:12

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پەيشەنبە (1-ئاينىڭ 18-كۈنى ) ئاسىيا بازىرىدا خەلىقئارا نېفىت باھاسى كىچىك دائىرىدە ئۆرلىدى ،سەۋەبى كەسپىي سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ،ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتىلىك نېفىت زاپاس مىقدارى تۆۋەنلىدى .بىراق، نۆۋەتتە نېفىت تۆۋەن باھاسى يەنىلا ئۈچ يىللىق يۇقىرى ئورۇنغا يىقىنلاشتى ، چۈنكى يېقىلغۇ تەمىناتى يەنىلا يېتەرلىك بولدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاۋلاش زاۋۇتى ئازايدى .

پەيشەنبە كۈنى برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.3 ئۆرلەپ ،69.59 دوللار\باك بولدى ،ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.4 ئۆرلەپ ،64.23 دوللار\باك بولدى . بۇ ھەپتە ئىككى چوڭ توختام بىردەك 2014-يىلى 12-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى ،برېنىت نېفىت باھاسى ھەپتىنىڭ بىشى ئۆرلەپ ،70.37 دوللار بولدى ، ئامېرىكا نېفىت باھاسى ھەپتىنىڭ ئىككىنجى كۈنى ئۆرلەپ ،64.89 دوللار بولدى .

ئامېرىكا نېفىت جەمئىيىتى ( API ) چارشەنبە كۈنى ،1-ئاينىڭ 12-كۈنى شۇ ھەپتە ،ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى 510 مىڭ باك تۆۋەنلەپ ،4.115 يۈز مىلىيون باك بولدى ،بازار مۆلچەرىدە 390 مىڭ باك كىمەيدى . بىراق ،ئالدىنقى ھەپتىلىك بېنزىن ۋە چەككىلەنگەن ماي زاپاس مىقدارى ئاشتى .

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى ( EIA ) ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ھەپتىلىك يىللىق ئىسكىلات قالدۇقى سانلىق مەلۇمات ئالدىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ،1-ئاينىڭ 12-كۈنى شۇ ھەپتە ، ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى 350 مىڭ باك تۆۋەنلىدى . ئۈندىدار:xaidaa216
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.