نېفىت باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن

kudret 2017-11-21 17:31:40

\

8 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى:
دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا نېفىت باھاسى 2% يېىن تۆۋەنلىدى، چۈنكى ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئۆرلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نېفىت بازىرى نېفىت ئىشلەپ چىقرىشنى كېمەيتىش ھەرىكىتىگە سەرپ قىلغان تىرىشچانلىقنى دۋاملاشتۇرالمىسا نېفىت ئېھتىياج يۈز ئىپادىسىنى داۋاملىق كونتىرول قىلاماسلىقىدىن ئەندىشە قىلدى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەن باھا 55.58 دوللار\باك بولدى، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەن باھا 61.46 دوللار\باك بولدى.

بازار ئانالىزچىسى مۇنداق دېدى، ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر OPEC تەشكىلاتىنىڭ نېفىت ئىشلەپ چىقرىش ھەرىكىتىنىڭ نېفىت باھاسىغا ئېلىپ كەلگەن تىرەش كۈچۈنى يوققا چىقىرىشى مۇمكىن دېدى.

ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 2016‏-يىلىنىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ ھازىرغىچە 15% ئەتراپىدا يۇقىرى كۆتۈرىلىپ، نېفىتقا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نېفىت بازىرىغا بولغان ئەندىشە كەيپىياتىنى ئاشۇردى. يەنە بىر تەرەپتىن، روسسىيە يېقىنقى مەزگىلدە نېفىت ئىشلەپ چىقىرشى مىقدارىنى كېمەيتىش ھەرىكىتىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا قارىتا ئۆزۈنىڭ قوللىغىسى يوقلۇقىنى ئىپادىلىدى، بۇ ئەھۋال تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنىڭ قايتىدىن پەيدا بولۇشىغا سەۋەپچى بولدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە ق


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.