ماي باھاسى قىسقا مەزگىل ئىچىدە تۆۋەنلىشى مۇمكىن

parida 2017-11-21 17:18:09

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: چياۋفېڭ قەرەللىك مال كەسپىي تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ ھەيئىتى شياۋيۇخۇانىڭ سەيشەنبە كۈنى (11-ئاينىڭ 21-كۈنى)بىلدۈرۈشىچە، نەق ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە كۈنى %1 دىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا 1278 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەنگەن. گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەشتە مەغلۇپ بولغانلىقتىن، ياۋرۇ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، دوللار كۆرسەتكۈچى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىققان، ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچرىغان.
شياۋيۇخۇانىڭ قارىشىچە، بازار ئومۇميۈزلۈك ھالدا نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كېلىشىمىنى ئۇزارتىدۇ قارايدىغان بولغاچقا، خام نېفىتقا بولغان ئېھتىياج پەۋقۇلئاددە ئاشمىغان ئەھۋالدا، ماي باھاسى قىسقا مەزگىل ئىچىدە 58-57.5 دوللار ئارىلىقىدا توسالغۇغا ئۇچرايدىكەن، ھەتتا 53 دوللارغا چۈشۈشىمۇ ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن.
دۈشەنبە كۈنى ماي باھاسى %0.8 تۆۋەنلىدى، نېفىت بازىرى نۆۋەتتە نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىغا دىققەت قىلماقتا. گەرچە مەھسۇلات مىقدارىنى كېمەيتىش كېلىشىمىنى كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىش مۆلچەرلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ داۋاملىق ئېشىشى نېفىت بازىرىدا يەنىلا ئەندىشە پەيدا قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دوللارنىڭ ئۆسۈشىمۇ ماي باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى. نيۇيورك قەرەللىك مال سودا مەركىزىدە، 12-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.8 يەنى 0.46 تۆۋەنلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 56.09 دوللارغا چۈشتى؛ برېنت خام نېفىتىنىڭ 1-ئايلىق قەرەللىك مال باھاسى %0.8 ياكى 0.50 دوللار تۆۋەنلەپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 62.22 دوللارغا چۈشتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.