نېفىت باھاسى يۇقىرى نۇقتىدىن كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلىدى

xayida 2017-09-21 16:56:14

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى:پەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا قىسقا ۋاقىت خەلقئارا نېفىت باھاسى كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلىدى ، چۈنكى يېقىنقى بىر ھەپتىدە ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى ۋە نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئۆرلىدى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى يىغىندا بۇ يىل ئىچىدە يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىنى بىشارەت بەرگەنلىكتىن ، دوللار باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە كۈچلۈك تىرەك ئىلىپ كەلدى . دوللار باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ،باشقا دۆلەت يېقىلغۇ مېيى ئىستېمالغا بىسىم ئىلىپ كېلىشى مۇمكىن .

پەيشەنبە كۈنى برېنىت قەرەللىك نېفىت باھاسى %0.15 تۆۋەنلەپ ، 55.84 دوللار\باك بولدى ، ھەمدە تۈنۈگۈنكى سودا كۈنىدە %2 ئۆرلىدى ، ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن 50.67 دوللار\باك دىكى تەكشى ھالىتىنى ساقلىدى ، ھەمدە ئالدىنقى سودا كۈنىدە %1.9 ئۆرلىدى . بۇ پەسىل نېفىت باھاسى ئۆرلەپ ، تەخمىنەن %16 ئەتراپىغا يېقىنلاشتى ، ھەم 2004-يىلدىن بۇيانقى ئۈچىنچى پەسىللىك ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان پەسىل بولۇپ قالدى .

ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر مەھكىمىسى ( EIA ) چارشەنبە ( 9-ئاينىڭ20-كۈنى ) ئىپادىلىشىچە ، ئىمپورت مىقدارى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكتىن ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى قارا بوران خارۋېي تەسىردىن كىيىن نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى ، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى شۇ ھەپتە ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى 460مىڭ باك ئۆرلەپ ، 4.7283 يۈز مىليون باك بولدى ، ھەمدە ئۇدا ئۈچ ھەپتە يۇقىرى ئۆرلىدى .شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېقىنقى بىر ھەپتىدە ئامېرىكىنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي جەھەتتىن خارۋېي قارا بوران ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ، يېپىق ھالەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ، نۆۋەتتە نېفىت كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى951 مىڭ باك ھالىتىگە قايتىپ كەلدى .

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.