چارشەنبە كۈنىدىكى نېفىت يۆلىنى ئەھۋالى

kudret 2017-08-17 18:48:24

\


چارشەنبە كۈنى خەلقئارا نېفىت باھاسى ئاۋال ئۆرلەپ ئاندىن چۈشتى ، گەرچە ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ئەڭ چوڭ بولغان تاق يۆلۈنىشلىك چۈشۈشنى ئاساس قىلغان بولسىمۇ ، بىراق تەييار نېفىت ئايرىش تۈرى زاپاس مىقدارى داۋاملىق ئۆرلىدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارىمۇ قايتىدىن ئاشتى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 46.69 دوللار\باك بولدى ، برنېت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 50.16 دوللار\باك بولدى .

ئامېرىكا ئېنىرگىيە مەھكىمىسى (EIA) نىڭ سانلىق ئۇچۇر مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، 8‏-ئاينىڭ11‏-كۈنىگىچە بولغان شۇھەپتە ئىچىدە ، ئامېرىكا نېفىت زاپاس مىقدارى چوڭ كۆلەمدە 8.95 مىليون باك ئازىيىپ ، 4.665 مىليارد بولغان ، 2106‏-يىلى1‏-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشكەن . ئەگەر ئىستىراتېگىيىلىك خام نېفىتنىڭ زاپاس مىقدارىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ھېساپلىساق ، ئۇچاغادا 11.5 مىليارد باك بولۇپ ، 2015‏-يىلى10‏-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈشدۇ . شۇنداق بولغان تەغدىردىمۇ ، ئالدىنقى ھەپتە بېنزىن ۋە چەكلەنگەن ماي زاپاس مىقدارى تەڭ كۆپەيگەن ، بۇەئەھۋال نېفىت چۈشۈش مېلىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرغان .

Tradition Energy بازار تەتقىقات مەسئۇلى Gene McGillian ئىپادىلىشىچە ، ئامېرىكا نېفىت ئېھتىياجى ئادەتتە

ياز پەسلىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە ئىپادىسى كۈچلۈك بولىدۇ ،" ناۋادا بىز بۇنداق روھنىڭ ئەمگەكچىلەر بايرىمىدىن كېيىنگىچە داۋاملاشقىنىنى كۆرەلىسەك ، ئۇنداقتا ئامېرىكا نېفىت باھاسى بەلكىم 50دوللار\باك نى بېسىپ ئۆتەلىشى مۇمكىن"

لىكىن ئانالىزچىنىڭ كۆرسۈتۈپ بېرىشىچە ، تەمىنلەش ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى يەنىلا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈش بوشلۇقىنى چەكلەپ قويدى .

ClipperData كۆپ مىقدارلىق تاۋار تەتقىقات مەسۇلى Matt Smith نىڭ ئېيتىشىچە": ياز پەسلىدىكى يۇقىرى نۇقتىغا ئۆرلەش ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاىدۇ ، نېفىت ئېھتىياجى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ پايدىلىنىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ ئازىيىشى مۇمكىن."

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.