قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەنلىدى

parida 2017-08-17 18:51:03

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئاشقان بولغاچقا، دۇنيا خام نېفىت بىلەن تەمىنلەش مىقدارى يۇقىرى بولۇش ئەندىشىسى كۈچەيدى، بۇ ھەپتىلىك نېفىت زاپسىنىڭ زور نىسبەتتە تۆۋەنلىشىگە تەسىر كۆرسەتتى، نەتىجىدە نيۇيورك قەرەللىك مال سودا مەركىزىدە قەرەللىك خام نېفىت باھاسى چارشەنبە كۈنى ئۈچ ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى.

نيۇيورك ۋاقتى بىلەن 8-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 14:30 (بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 2:00 ) دە، نيۇيورك قەرەللىك مال سودا مەركىزىدە، قەرەللىك خام نېفىتنىڭ 9-ئايلىق توختام باھاسى 0.77 دوللار ياكى %1.6 تۆۋەنلىدى، ھەر تۇڭى 46.78 دوللار بولدى؛ برېنت خام نېفىتىنىڭ 10-ئايلىق توختامدىكى قەرەللىك مال باھاسى 0.53 دوللار ياكى %1.04 تۆۋەنلىدى، ھەر تۇڭى 50.27 دوللار بولدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.