EIA خام نېفىت زاپسى ئەڭ چوڭ نىسبەتتە تۆۋەنلىدى

parida 2017-08-17 17:58:52

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا ئېنىرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسى (EIA) چارشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى مۆلچەردىكىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، يەنى 2016-يىلى 9-ئايدىن بۇيان ئەڭ چوڭ نىسبەتتە تۆۋەنلىدى، ئەمما بېنزىن، چەككىلەنگەن ماي ۋە كۇشىڭ ئىسكىلاتىدىكى خام نېفىت زاپسى ئومۇميۈزلۈك ئاشتى.

ئامېرىكا ئېنىرگىيە ئۇچۇر ئىدارىسى (EIA) نىڭ ئېلان قىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە شۇ ھەپتىدە، ئامېرىكا خام نېفىت زاپسى 8 مىليۇن 945 مىڭ تۇڭ كېمەيگەن، 2015-يىلى 10-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھەپتىلىك تۆۋەنلەش سەۋىيىسىنى ياراتقان.

نۆۋەتتە ئامېرىكا خام نېفىتى ۋە تەييار ماينىڭ ئومۇمىي زاپسى 2016-يىلىدىكى سەۋىيىدىن تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا 10 يىللىق ئوتتۇرىچە قىممەتتىن خېلىلا يۇقىرى. EIA سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا خام نېفىتى بىلەن برېنت خام نېفىتىنىڭ قىسقا سىزىقى قايتا تۆۋەنلەشكە باشلىدى. داڭلىق پۇل-مۇئامىلە بىلوگى Zerohedge نىڭ باھا بېرىشىچە، بۈگۈن ئېلان قىلىنغان EIA سانلىق مەلۇماتىدا خام نېفىت زاپسى گەرچە زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ ئەمما بېنزىن زاپسى، چەككىلەنگەن ماي ۋە كۇشىڭ ئىسكىلاتىدىكى خام نېفىت زاپسى ئومۇميۈزلۈك ئاشقان بولغاچقا، ئامېرىكا غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتىنىڭ باھاسى ئۆسۈشتىن تۆۋەنلەشكە بۇرۇلدى. Rockefeller نىڭ تەھلىلچىسى Brad Hunnewell نىڭ قارىشىچە، غەربىي تېكساس يىنىك نېفىتى زاپسىنىڭ يۇشۇرۇن تۆۋەنلەش نىسبىتى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بېنزىن زاپسىنىڭ ئېشىشى توغرىسىدىكى مۆلچەرى نۆۋەتتە ماي باھاسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئامىللار ئىكەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.