دۆلىتىمىزنىڭ نېفىتقا بولغان ئېھتىياجى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىدى .

kudret 2017-08-16 16:29:54

\

سەيشەنبە كۈنى خەلقئارا نېفىت باھاسى كىچىك كۆلەمدە تۆۋەنلەپ ، تۈنۈگۈنكى چۈشۈش يۆلىنىشىنى داۋاملاشتۇردى ، چۈنكى دوللار باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ۋە جۇڭگونىڭ نېفىتغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىشى بازاردىكى ئەندىشە كەيپىياتىنى ئاشۇردى . ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 47.03 دوللار\باك بولدى ، برنېت قەرەللىك نېفىت باھاسى تۆۋەن باھا 50.05 دوللار\باك بولدى.

ئامېرىكا دوللار كۆرسەتكۈچى شۇكۈن ئىچىدە ئۈچ ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا يېقىنلاشتى ، بۇ ئەھۋال نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش يۆلىنىشىنى كۈچەيتتى . مەلۇم بىر قىسىم نېفىتقا مەبلەغ سالغۇچىلار ئالدىنقى ھەپتە مەبلىغىنى چىقىرىۋېلىپ خەتەردىن ساقلىنىشى دوللار باھاسىغا ئۈنۈملۈك تېرەش ئېلىپ كەلدى .

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق ئۇچۇر مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، 7 ئايلىق جوڭگو نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ ئالدىنقى يىلى 9‏-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى ، تۆۋەنلەش ئەھۋالى مۆلچەردىكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىپ ، نېفىت بازىرىنىڭ جوڭگو نېفىتغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشىگە بولغان ئەندىشە كەيپىياتىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى .

يەنە بىر تەرەپتىن ، نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر (OPEC) تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا نېفىت بىلەن تەمىنلەش مىقدارىىڭ ئېشىشىمۇ نېفىت بازىرىدىكى چۈشۈش كەيپىياتىنى كۈچەيتتى .

بۇنىڭدىن باشقا ، يولنىڭ سۈزۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە ، ئانالىزچىنىڭ مۆلچەرلىگىنىدە ئامېرىكا ئالدىنقى ھەپتىلىك نېفىت زاپاس مىقدارى يەتتە ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تۆۋەنلەش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن ،

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېنزىن ۋە چەكلەنگەن ماي زاپاس مىقدارىمۇ داۋاملىق تۆۋەنلەۋېتىپتۇ .

\

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.