مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى 2017-يىلى ئۆسىدۇ

gulbostan 2017-04-27 15:14:27

\




دۇنيا بانكىسى چارشەنبە كۈنى 4-ئايلىق مىقدارلاشقان تاۋار بازىرىغا نەزەر سېلىش دوكىلاتىدا، مۆلچەردە 2017-يىلى مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى ئۆسىدۇ، دېگەن. بىلومبېرگ مىقدارلاشقان تاۋار كۆرسەتكۈچى 2017-يىلىدىن بۇيان %4 چۈشتى، بۇ يىل 3-ئايدا ئالدىنقى يىلى 7-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئايلىق چۈشۈش نىسبىتىنى ياراتتى.

ئېنىرگىيە تاۋارى جەھەتتە، دۇنيا بانكىسى 2017-يىلى خام نېفىت ئوتتۇرچە باھاسى ھەر باكى 55 دوللار بولىدۇ، 2018-يىلى ئوتتۇرچە باھا ھەرباكى 60 دوللارغا يېتىدۇ، دەپ مۆلچەرلىگەن. ئوخشاشلا، تەبئىي گاز ۋە كۆمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنىرگىيە تاۋارى باھاسى 2017-يىلى %26 ئۆسىدۇ، 2018-يىلى %8 ئۆسىدۇ، دەپ مۆلچەرلىگەن.

يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتى، ئوغۇت، مىتال ۋە كان مەھسۇلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەيرى ئېنىرگىيە تاۋارى جەھەتتە، دۇنيا بانكىسى 2017-يىلى بۇ تۈرلۈك مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى ئۆسىدۇ، بۇمۇ بەش يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۆسۈش بولىدۇ، دەپ مۆلچەرلىگەن.

گولدىمان ساچىس سەيشەنبە كۈنىدىكى دوكىلاتىدا، يەرشارى ياساش كەسپىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، مىقدارلاشقان تاۋارنىڭ ئىستىقبالى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، دېگەن. بۇ بانكا ئالدىنقى يىلى 11-ئايدا باشلانغان مىقدارلاشقان تاۋارنى ئۆسۈشكە ئېلىش مەيدانىنى ساقلاپ قالغان ھەمدە مىقدارلاشقان تاۋارنىڭ پايدا نىسبىتىنىڭ تەۋرىنىشچانلىقى تۆۋەنلەيدۇ، دەپ مۆلچەرلىگەن.

گولدىمان ساچىسنىڭ مىقدارلاشقان تاۋار تەتقىقات باشقۇرغۇچىسى جېففىرى كۇررى نېفىت بازىرىنىڭ قايتا تەڭپۇڭلىشىشى ھازىر ئىلگىرلەشكە ئېرىشىۋاتىدۇ، مۆلچەردە ئامېرىكىنىڭ سىرتىدىكى خام نېفىت ئېھتىياجى ئاشىدۇ. ئوخشاشلا، ئوپىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىش كېلىشىمىنى كەينىگە سۈرۈشىنىڭ ئېھتىماللىقى بىرقەدەر چوڭ، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

كۇررى ناۋادا ئوپىك كېلىشىم تۈزمىسە، ئامېرىكىنىڭ WTI خام نېفىتىدا 3-5 دوللار باھا چۈشۈپ كېتىش خەۋىپى مەۋجۇت، ناۋادا كېلىشىم كېچىكتۈرۈلسە، سودا رايونىدا نېفىت باھاسى ھەر باكى 55-60 دوللار بولىدۇ، دەپ قارىغان.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.