CBOT پۇرچاق باھاسى چارشەنبە كۈنى %2 ئۆستى

sayibjamal 2016-06-02 17:42:12

\

چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزى (CBOT) پۇرچاق قەرەللىك مال باھاسى چارشەنبە كۈنى %2 ئۆرلىگەن بولۇپ، 2014-يىلى 7-ئايدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى بولغان بولۇپ، بازار ئېچىلغاندىكى چۈشۈش ھالىتىدىن قايتا ئۆرلىگەن، قۇبۇل قىلىشى تۆۋەن بولۇش ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي رايونلىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىدىن ئەنسىرەش بۇنىڭ سەۋەبى بولۇپ قالغان.
ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئېكىسپورت ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرى بولۇشىمۇ پۇرچاق باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تىرەش نۇقتىسى بولغان.
چەتئەلنىڭ ئامېرىكا پۇرچىقىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۈچىيىشى توغرىسىدىكى مۆلچەرمۇ بازارنىڭ ئاخىرىدا باھانىڭ يۇقىرى بولۇشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرازىلىيەدىكى پۈتكۈل دۆلەت زىرائەت مەھسۇلاتلىرى ئىكىسپورت سودا جەمئىيىتىنىڭ دېيىشىچە، 5-ئايدا بىرازىلىيە پۇرچاق ئېكىسپورت مىقدارى 4-ئايدىكى 10 مىليۇن 300 مىڭ توننا مىقدارىدىن 869 مىليۇن توننا چۈشكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.