ئامېرىكا سېرىق پۇرچاق باھاسى تۆۋەنلىدى

rabigul 2015-09-10 12:55:05

\

تۈنۈگۈن ئامېرىكا نەق مال بازىرىدا سېرىق پۇرچاق باھاسى تۆۋەنلەپ كەتتى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ چىكاگو قەرەللىك مال باھاسىمۇ تۆۋەنلىدى.

ئامېرىكا قولتۇقىدا، ئامېرىكا 1 - نومۇرلۇق نەق مال سېرىق پۇرچاقنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر خاند 9.6175 دوللار، ھەر توننىسى تەخمىنەن 353.4 دوللار بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 7.5 دوللار تۆۋەنلىدى.

ئىللىنويىز شتاتىدىكى ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىدا، سېرىق پۇرچاق زاۋۇتىدىكى سېرىق پۇرچاقنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر خاند 9.9725 دوللار بولۇپ، ئالدىنقى سودا كۈندىكىدىن 7 دوللار تۆۋەنلىدى.

تۈنۈگۈن يەنە چىكاگو قەرەللىك مال سودا مەركىزىدىكى (CBOT) قەرەللىك مال سېرىق پۇرچاقنىڭ بازار يېپىلىش باھاسى تۆۋەنلىدى. 2015-يىلى 9-ئايدا ئۈزگەن سېرىق پۇرچاق تەخمىنەن 8 دوللار تۆۋەنلەپ، ھازىرقى باھاسى 882.75 دوللار ئەتىراپىدا بولدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.