ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈشى بازاردىكى ساختا گۈللىنىشنى ئېچىپ تاشلامدۇ؟

parida 2018-09-11 19:46:14

\

يېقىندا دۇنيا بويىچە 20 شەھەردە ئۆي باھاسىنىڭ پەلەمپەي شەكلىدە چۈشۈشى ئۆي – مۈلۈك بازىرىدىكى ساختا گۈللىنىش ئەھۋالىنى ئېچىپ تاشلامدۇ؟ دېگەن تېمىدا مۇنازىرىلەر قانات يايماقتا.
ئۆتكەن ئون يىلدىكى دۇنيا ئىقتىسادى مىسلىسىز ئۆزگىرىش جەريانىدا ، يەر شارى ئۆي - مۈلۈك بازىرى شۈبھىسىزكى ئىقتىسادنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالدى، نۇرغۇن شەھەرلەر ئۆي سېتىۋالغۇچىلار ئاۋۇپ باردى . بۇنىڭدىكى بىر سەۋەب، ئامېرىكا ئۆي بازىرىنى ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسى پارتلىغان 2008 – يىلىدىن كېيىن، يەر شارىدىكى ئۆي - مۈلۈك بازىرى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن نۇقتىدا تۇرۇپ، نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار بىردەك ھالدا بۇ خىل ھالەتنى ياخشى پۇرسەت دەپ قارىدى ، شۇنداقلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى قاتارلىق مەركىزىي بانكىسىنىڭ تۆۋەن ئۆسۈملۈك ئۇزۇن مەزگىللىك قەرزى يەر شارى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۆي - مۈلۈك بازىرىىغا مەبلەغ سېلىشقا باشلىدى بۇنىڭ بىلەن ئۆي مۆلۈك بازىرى قىزىپ كەتتى.
ئەمما، «دۇنيادا تارقالمايدىغان سورۇن يوق» دېگەندەك، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتنىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئوبروتىنى قىسىشى نۇرغۇن بانكىلارنىڭ ئۆسۈم قۇشۇشقا مەجبۇرلىدى ۋە ئۆي- مۈلۈك بازىرىنى كۆپتۈرۈپ گۈللەنگەن مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئامېرىكا دوللىرىغا داۋاملىق ئۆسۈم قوشۇش ئەھۋالدا بۇ خىل كۆپتۈرۈمىچىك شەكلىدىكى ئالدامچىلىق ئاشكارلىنىشقا باشلىدى.
ئالدى بىلەن بىز جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ چەت ئەلدە ئۆي سېتىۋېلىش سانلىق مەلۇماتلارغا قاراپ باقايلى، CNBC خەلقئارا لىق ئۆي-مۈلۈك ئۇچۇرىنى ئىزدەش تورىدىكى سانلىق مەلۇماتقا قارىساق، ئۇنىڭدا 2017 - يىلىدا، جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ چەت ئەلدىكى تۇرالغۇ ۋە يەر- مۈلۈك سودا مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 18.1 ئېشىپ ، 119 مىلىيارد 700 مىلىيۇن دوللار بولغان ھەم خاتىرلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىققان . ئەمما 2010 - يىلىدىن بۇيان جۇڭگولۇق خېرىدارلارنىڭ چەت ئەلدىن سېتىۋالغان ئۆي مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 400 مىلىيارد دوللار بولغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ سانلىق مەلۇماتلار كەينىگە زور يوشۇرۇن خەۋپ يوشۇرۇنغان بولىدۇ .
نۆۋەتتە، نۇرغۇن جۇڭگولۇق خېرىدارلار كانادا ، يېڭى زېلاندىيە ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئۆي - مۈلۈك سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ ئۆي - مۈلۈك بازىرى چېكىنشكە قاراپ يۈزلەنگەن . بىراق، ئېشىش سانلىق مەلۇماتىدىن بايقىغىلى بولىدۇكى، نۇرغۇن جۇڭگولۇق خېرىدارلار يەنە باشقا بازارلاردىن ئۆي سېتىۋېلىشقا باشلىغان.
يېقىنقى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، مەيلى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ بازارلىرى بولسۇن ياكى يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەرنىڭ بازىرى بولسۇن ئون يىل داۋاملاشىقان دۇنيا ئۆي - مۈلۈك بازىرىدىكى كاتتا زىياپەت ئاخىرلىشىشقا باشلىدى. دۇنيا ئۆي - مۈلۈك بازىرىدا نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 20 شەھەرنىڭ ئۆي باھاسى تۆۋەنلىدى ياكى پەلەمپەي شەكىلىدە چۈشۈش خاراكتېرلىك كاساتلىشىش يۈز بەردى. بۇ ئۆي- مۈلۈك كۆپىكىنى ئاشكارلاپ قويدى.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.