قەرەللىك مال بازىرىدىكى زاپاس مىقدارى

karima 2015-11-07 13:58:47

\

بازار يېپىلغۇچە بولغان ئارلىقتا قولدىن چىقىرىلمىغان بارلىق ماللارنىڭ ئومۇمىي سانى شۇ كۈنلۈك زاپاس مىقداى ھېسابلىنىدۇ. زاپاس مىقدارى بازاردىكى ئۆرلەش يۆلىنىشى ياكى چۈشۈش يۆلىنىشىدىكى مەلۇم تەرەپنىڭ قولدىن چىقىرىلمىغان ئومۇمىي مال سانىغا ۋەكىللىك قىلدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئىككى تەرەپنىڭ يىغىندىسى ئەمەس. كۈنلۈك زاپاس مىقدار ئۆزگىرىشى ئىككىنچى كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. ئادەتتە زاپاس مىقدارىنى كۆرسىتىدىغان ساننىڭ ئالدىغا قويۇلغان (+) ، (-) بەلگىلىرى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئالدىنقى كۈنلۈك زاپاس مىقدارىنىڭ ئاشقان ياكى كېمەيگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

زاپاس مىقدار ئۇقۇمىنىڭ قەرەللىك مال سودىسىدىكى ئالاھىدە مەنىسى:

بىرىنچى، ئۆسۈش يۆلىنىشىدە، باھا ئۆسۈۋاتقاندا زاپاس مىقداردىكى ئومۇمىي سومما ئاشقان بولسا،بۇ، يېڭى مەبلەغنىڭ بازارغا ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقىنى، يەنى ئۆسۈش يۆلىنىشىگە كىرگۈچىلەرنىڭ تېخىمۇ دادىللىق بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتكەتلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئەھۋالدا داۋاملىق ئۆسۈشكە ئەگىشىشكە بولىدۇ.

ئىككىنىچى، ناۋادا باھا ئۆسۈۋاتقاندا زاپاس مىقدار تۆۋەنلىگەن بولسا، بۇ، چۈشۈشكە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ بازاردىن چېكىنگەنلىكىنى، يەنى ئۇلارنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا مەبلەغ بازاردىن سىرتقا ئاقىدۇ. ھەرگىزمۇ سىرتتىن مەبلەغ كىرمەيدۇ. چۈشۈشكە كىرگۈچىلەر قولىدىكى مالنى مەجبۇرى تۆگىتىۋەتكەندىن كېيىن بازار يۆلىنىشى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبلىك، ئۆرلەش يۆلىنىشىدە زاپاس مىقدارىنىڭ ئازىيىشى چۈشۈش سىگنالى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئۈچىنچى، چۈشۈش يۆلىنىشىدە ناۋادا باھا چۈشۈۋاتقاندازاپاس مىقدارى ئاشقان بولسا، بۇ يېڭى مەبلەغنىڭ بازارغا ئېقىپ كىرگەنلىكىنى، چۈشۈشكە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. يەنى، بۇنى داۋاملىق چۈشۈش سىگنالى دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.

تۆتىنچى، ناۋادا باھا چۈشۈۋاتقاندا، زاپاس مىقدار ئومۇمىي سوممىسىمۇ كېمەيگەن بولسا، بۇ خىل باھا چۈشۈش ئۆرلەشكە ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئامالسىزلىقتىن قولىدىكى مالنى چىقىرىۋاتقانلىقى سەۋەبلىك يۈز بېرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا زاپاس مىقدار يىتەرلىك كېمەيگەن بولسا، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۆرلەشكە ئەگەشكۈچىلەر مالنى تولۇق قولدىن چىقىرىپ بولغانلىقىنى، چۈشۈش يۆلىنىشىنىڭ ئاياغلىشىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، بۇنى بازارنىڭ كۈچىيىشى ،شۇنداقلا ئۆرلەش سىگنالى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىساق، ئۆرلەش يۆلىنىشىدە زاپاس مىقدار ئاشسا ئۆرلەش سىگنالىدۇر، ئۆرلەش يۆلىنىشىدە زاپاس مىقدار كېمەيسە چۈشۈش سىگنالىدۇر؛ چۈشۈش يۆلىنىشىدە زاپاس مىقدار ئاشسا داۋاملىق چۈشۈش سىگنالىدۇر؛ چۈشۈش يۆلىنىشىدە زاپاس مىقدار كېمەيسە ئۆرلەش سىگنالىدۇر.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.