ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈش بوشلۇقى چوڭ ئەمەس

parida 2017-06-27 13:21:23

\

FX168 مالىيە-ئىقتساد تورى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى Yellen ياۋرۇپادا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ يېقىنقى مەزگىلدە يۆنىلىشى ئېنىق بولمىغان پۇل-مۇئامىلە بازىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ بىر «زور ۋەقە» ھېسابلىنىدۇ. تاشقى پېرېۋوت بازىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى بەلگىلىك دەرىجىدە يۇقىرىلىغان بولسىمۇ، ئەمما دەرىجىسى يەنىلا چەكلىك. بېيجىڭ ۋاقتى چارشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 28-كۈنى) سائەت 01:00 دە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى Yellen لوندوندا مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ ئۇنىڭ 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر تۈركۈم سانلىق مەلۇماتلار گەرچە كۈچلۈك بولمىسىمۇ، ئەمما سودا خادىملىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، Yellen ئامېرىكا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئاكتىپ پوزىتسىيەدە شۇنداقلا يەنە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ يىل يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم قوشۇشى ۋە كېلەر يىلى ئۈچ قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرۈش مۆلچەرىنى قوللايدۇ.
يۇقارقى مۆلچەرنىڭ تەسىرى بىلەن دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بىر قىسىم ئاساسلىق پۇللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئۆرلىدى. ئامېرىكا دوللىرى بىلەن يىننىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 111.93 لىق يۇقىرى نۇقتىغا يېقىنلاشتى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئاخىرقى سودىدا %2 ئۆرلىدى.
بلۇمبېرگ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھەپتىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ نۇرغۇن مۇھىم ئەمەلدارلىرى سۆز قىلدى، تاشقى پېرېۋوت بازىرى سودا خادىملىرى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈش بوشلۇقى چوڭ ئەمەس دەپ قارىدى. تەھلىلچىلەر فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى Yellen قاتارلىق تەدبىر بەلگىلەش ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى كۈزىتىپ، ئۇنىڭدىن بۇ يىل 3-قېتىملىق ئۆسۈم قوشۇش ۋەدىسىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى يىپ ئۇچى ئۈستىدە ئىزدەندى، ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان بولغاچقا، پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسى تۆۋەنلىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.