ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ سودا مەشغۇلات قائىدىسى

rabigul 2019-02-27 18:08:50

\

مەبلەغ سېلىش بازىرىدا، نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار بەزى يېتەرلىك پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ توغرا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىپ، پايدا ئېلىش مەقسىتىگە يېتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما مەبلەغ سالغۇچىلار پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، چوقۇم پايدىلىق ئۈنۈملۈك بازار پەرەزلىرىدىن پايدىلىنىشى كېرەك. ئۈنۈملۈك بازار پەرىزى بارلىق ئۇچۇرلارنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، ھەم بۇ مول بولغان ئۇچۇرلار پايدىنىڭ ئاساسى؛ ھەم مەبلەغ بازىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تېخنىكىلىق تەھلىل قىلىش ھەر خىل بازار ئۆزگىرىشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، شۇڭا تېخنىكىلىق تەھلىل قىلىش، مەبلەغ سالغۇچىلار پايدىلىنىدىغان ئىسپات؛ ئەمما ئوتتۇرچە سىزىق نەزەرىيىسى ۋە ئوتتۇرچە سىزىق مەشغۇلات ئۇسۇلى پاي چېكى بازىرىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر يۈرۈش مەشغۇلات ئۇسۇلى، ئۇنىڭ كەڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدىلىق ئۇچۇرغا ئېرىشىشىگە ناھايىتى ياخشى ياردىمى بولدۇ.

1. ئوتتۇرچە سىزىقنى قوللانغان ۋاقىتتا، ئەگەر مەبلەغ سالغۇچىلار ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ بارغانسېرى تۆۋەنلەش ھالىتىگە ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى بايقىسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈستى تەرەپكە بېشىنى كۆتۈرگەن ھالەتتە بولسا، ھوشيارلىقىڭىزنى ئۆستۈرۈشىڭىز كېرەك. ئارقىدىنلا، مەبلەغ سالغۇچىلار باھانىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر باھا ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ تۆۋەنكى تەرپىدىكى ئوتتۇرچە سىزىقتا بۆسۈش ھاسىل قىلسا، بۇ دەل ئۆسۈشكە ئېلىش سىگنالى، بۇ چاغدا مەبلەغ سالغۇچىلار ۋاقتىدا ھۇجۇمغا ئۆتۈشى كېرەك.

2. باھا يۈزلىنىشى تەكشى سىزىق ئۈستىدە بولسا، تۆۋەنلەشكە باشلاپ، لېكىن ئوتتۇرچە سىزىقنى بۆسۈپ ئۆتەلمىسە، قايتا ئۆرلەيدۇ، بۇ ئۆسۈشكە كىرىش سىگنالى.

3. باھا يۈزلىنىشى تەكشى سىزىق ئاستىدا بولسا، ھەم ئوتتۇرچە سىزىق قىسقا مۇددەت ئىچىدە يەنىلا ئۆرلەش يۈزلىنىشنى داۋاملاشتۇرسا، بۇ ئۆسۈشكە كىرىش سىگنالى؛

4. باھا يۈزلىنىشى تەكشى سىزىق ئاستىدا بولسا، تۇيۇقسىز ئۇدا تۆۋەنلەپ، ئوتتۇرچە سىزىقتىن يىراقلاپ كەتسە، ئاكتىپلىق بىلەن ئوتتۇرچە سىزىققا يۈزلىنىشى مۇمكىن. بۇ چۈشۈشكە كىرىش سىگنالى.

5. باھا يۇقىرى ئۆرلەش ھالىتىدە، ئوتتۇرچە سىزىق ئۈستىدە بولسا، ئوتتۇرچە سىزىقتىن بارغانسېرى يىراقلاپ كەتسە) باھا ئۇدا چوڭ نىسبەتتە ئۆرلىسە(، ھەر ۋاقىت بېسىمغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى بار، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا ئۆسۈش ماللىرىنى قولدىن چىقىرىش كېرەك.

6. ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ تەۋرىنىشى بارا-بارا ئۆرلەش ھالىتىگە ئۆزگەرسە، ئەمما باھا ئوتتۇرچە سىزىقنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىدە بۆسۈش ھاسىل قىلسا، بۇ چۈشۈشكە كىرىش سىگنالى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.