مەبلەغ سالغۇچىلاردا كەم بولسا بولمايدىغان مەشغۇلات ماھارىتى

rabigul 2018-09-06 15:55:14

\

مەبلەغ سېلىپ پايدا ئېلىش ماھارىتى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، قىسقا مەزگىللىك مەشغۇلات ماھارىتى تاشقى پېرېۋوت بازىرىغا مەبلەغ سېلىش ماھارىتىنىڭ ئىچىدىكى بىرى. قىسقا مەزگىللىك مەشغۇلات ماھارىتىنىڭ رولى بولسا خەۋپ - خەتىرى نىسبەتەن كىچىك، ئەلۋەتتە، پايدىسىمۇ نىسبەتەن كىچىك. ئۇنداقتا قىسقا مەزگىللىك تاشقى پېرېۋوت مەبلەغ سېلىش ماھارىتى قايسىلار؟

لېكىن تاشقى پېرېۋوت بازىرىغا مەبلەغ سالغان چېغىڭىزدا، يەنىلا قىسقا مەشغۇلات ئېلىپ بارسىڭىز ياخشى بولدۇ، چۈنكى تېز ئۇسۇل ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە پايدا ئالغىلى، زىياننى ئازايتقىلى، شۇنداقلا قايتا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تەجرىبە ۋە پايدىغا ئېرىشكىلى بولدۇ، شۇڭا قىسقا مەزگىللىك مەشغۇلات ماھارىتى تاشقى پېرېۋوت بازىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن بىر خىل يامان ئەمەس تاللاش؛ پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قىسقا مەزگىللىك مەشغۇلات ماھارىتى كەم بولسا بولمايدۇ.

قىسقا مەزگىللىك سودىنىڭ يادروسى بولسا باھا ئۆرلەۋاتقان ۋاقىتتا بازار يۆنىلىشىگە ئەگىشىپ ئۆسۈشكە ئېلىپ، باھا تېخىمۇ ئۆرلىگەندە ئۆسۈش مېلىنى سېتىپ چىقىرىپ، ئاندىن باھا چۈشىۋاتقان ۋاقىتتا بازار يۆنىلىشىگە ئەگىشىپ چۈشۈشكە ئېلىپ، باھا تېخىمۇ چۈشكەندە چۈشۈش مېلىنى سېتىپ چىقىرىپ پايدىغا ئېرىشىش؛ ئەمما باھا ئۆرلەۋاتقان ۋاقىتتا ئۆسۈشكە، باھا چۈشىۋاتقان ۋاقىتتا چۈشۈشكە ئەگىشىپ كىرگەندە مەبلەغ سالغۇچىلاردا ئاسانلا يۇقىرى نۇقتىدىن ئۆسۈشكە، تۆۋەن نۇقتىدىن چۈشۈشكە مال ئېلىۋىلىش ئەھۋالى يۈز بېرىپ قالىدۇ، ئەگەر يۇقىرى نۇقتا ۋە تۆۋەن نۇقتىغا توغرا ھۆكۈم قىلالمىسا زىيان تارتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ قالىدۇ.

1-خىل ماھارەت: مەبلەغنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش؛

2-خىل ماھارەت: ئۇزۇن ۋە قىسقا مەزگىللىك سودا قىلغاندا K سىزىق بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سودا قىلىش؛

3-خىل ماھارەت: يۈزلىنىش سىزىقى ۋە قانال بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سودا قىلىش؛

4-خىل ماھارەت: بازار يۆنىلىشىگە ئەگىشىش؛
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.