ھاۋالە فوند مەھسۇلات تۈرى

karima 2015-02-10 15:25:30

\


ھاۋالە فوند مەھسۇلاتى مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن : قەرز بېرىش تۈرىدىكى ھاۋالە فوند ،ھوقۇق - مەنپەئەت مەبلەغ ھاۋالە فوند تۈرى، ئاكسىيە مەبلەغ تۈرىدىكى ھاۋالە فوند ، ، پاي مەبلەغ ھاۋالە فوند تۈرى، بىرىكمە ئىشلىتىش ھاۋالە فوند تۈرى قاتارلىق بىر نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ .

1.قەرز بېرىش تۈرىدىكى ھاۋالە فوند . ھاۋالە فوند مەبلىغىنى ھاۋالە قىلىنغۇچى ) ھاۋالە فوند شىركىتى( نىڭ نامىدا شىركەت تۈرگە تارقاتقان قەرز پۇل.

2. ھوقۇق - مەنپەئەت مەبلەغ ھاۋالە فوند تۈرى، ھاۋالە فوند مەبلەغنى تۇراقلىق نەق پۇل ئېقىمى ئېلىپ كېلەلەيدىغان ھوقۇق مەبلەغ سېلىش تۈرى.

3. ئاكسىيە مەبلەغ ھاۋالە فوند تۈرى . ھاۋالە فوند مەبلەغنى ئاكسىيە بازىرىغا مەبلەغ سېلىش ، بىرىنچى دەرىجىلىك بازار ، ئىككىنچى دەرىجىلىك بازار ، يۆلىنىشلىك قوشۇلۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ئاكسىيە مەبلەغ سېلىش تۈرىدىكى مەھسۇلاتى ھاۋالە قىلىنغۇچى مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىسى باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

4. پاي مەبلەغ ھاۋالە فوند تۈرى. ھاۋالە فوند مەبلەغنى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ نامىدا شىركەت تۈرىگە پاي ھوقۇقى مەبلەغ سېلىش ، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق قىممەتنى ئاشۇرۇش ، پايدا تەقسىم قىلغاندا ياكى ئۆرلىگەن باھادا سېتىلغاندىكى پايدىنى كۆرسىتىدۇ .

5. بىرىكمە ئىشلىتىش ھاۋالە فوند تۈرى . ھاۋالە قىلىنغۇچى ھاۋالە مەھسۇلاتىنى پاي مەبلەغ ، ھوقۇق - مەنپەئەت مەبلەغ ، قەرز بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىدىغان شىركەت تۈرى .

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.