تىجارەت خاراكتېرلىك ھاۋالە فوندنىڭ ئانالىزى

rabigul 2015-12-05 13:43:05

\

ھاۋالە مال-مۈلكى تاپشۇرۇش بىلەن نەرسە ھوقۇقى تۈزۈمىنىڭ مۇناسىۋىتى

ھاۋالە قانۇنى بەلگىلىمىسى بويىچە، ھاۋالە تەسىس قىلىنغان چاغدا مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك " ھاۋالە" نى قوبۇل قىلغۇچىغا بېرىش كېرەك، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۆز نامىدا، پايدا ئالغۇچىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ياكى ئالاھىدە مەقسەتتە باشقۇرۇش بىر تەرەپ قىلىش ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، ھاۋالە مال-مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ قانۇنلۇق يۆتكىلىشى بولسا ئۈنۈملۈك ھاۋالە فوند تەسىس قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

ئۇنداقتا، ھاۋالە قىلىنغان مال-مۈلۈكنىڭ قانۇن بويىچە ھېساب ئۈزگەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز ؟ ئۇنىڭ ھۆكۈم قىلىش قائىدىسى چوقۇم نەرسە ھوقۇقى قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك تۈزۈمگە تەتبىقلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توختامى قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىدىن پايدىلىنىپ نەرسىنىڭ تاپشۇرۇش تۈزۈمىگە تۈزۈمگە تەتبىقلىنىدۇ.

ئەدلىيە ئەمەلىيىتى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىكى قانۇنغا تەتبىقلاش مەسىلىسى.

بىرىنچى، « پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى « نى ھاۋالە مال-مۈلكى قىلىشقا بولامدۇ؟ نىسبەتەن پايدىلىنىدىغان نەرسە ھوقۇقىنى ھاۋالە مال-مۈلكى قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ ھاۋالە قانۇنىدا ئېنىق بەلگىلەنگەن. ھاۋالە مال-مۈلكى چوقۇم ھاۋالە قىلغۇچى قانۇنلۇق ئىگىدارلىق قىلىدىغان مۈلۈك بولۇشى كېرەك.

ئىككىنچى، پۇل ۋە كۆچمە مۈلۈك ھاۋالىسىنىڭ تاپشۇرۇش قائىدىسى؛ پۇل ئالاھىدە كۆچمە مۈلۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ تاپشۇرۇش شەكلى ئەمەلىي تاپشۇرۇش شەكلى بولىدۇ، لېكىن تېخىمۇ كۆپ بولغىنى پۇل مۇئامىلە ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ تاپشۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.