سودا قىلغاندا چوقۇم زىياننى بەلگىلەش كېرەك

zumrat 2015-12-12 17:53:40

\

زىيان سودا قىلغۇچىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھىدۇر،سودىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار بىلەن مەغلۇپ بولغۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى پەرق، بىز تىلغا ئېلىۋاتقان زىياننى قانداق كونترول قىلىشتا. مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار زىياننى قانداق كونترول قىلىشنى ۋە قانداق ئازايتىشنى بىلىدۇ، مەغلۇپ بولغۇچىلار زىيان تارتىشتىن قورققانلىقىدىن زىياننىڭ چوڭىيىپ كېتىشىگە قاراپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن زىيان ئادەمنى كونترول قىلىدىغان دائىرىگە كېلىپ قالىدۇ. نەق مال ئالتۇن سودىسىمۇ بىر خىل تىجارەت بولۇپ، ئۇمۇ ئوخشاشلا بىزنىڭ قوغدىشىمىزغا ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەردىن ساقلىشىمىزغا مۇھتاج. سودا قىلغۇچىلار ئەمەلىي سودا جەريانىدا بىرقىسىم سەۋەنلىكلەردىن ساقلىنىشى تەس. بۇنداق چاغدا بىز پەقەت زىياننى كونترول قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەبلىغىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بىز بۇيەردە سىزگە زىيان بەلگىلەش تاكتىكىسىنى تەۋسىيە قىلىمىز. سىز بازارغا كىرگەندە قوبۇل قىلالايدىغان، شۇنداقلا سىزنىڭ بۇ قېتىملىق سودىدا مەغلۇب بولغىنىڭىزغا تەن بېرىدىغان نۇقتا بولۇپ، مېلىڭىزنى مۇشۇ نۇقتىدا زىيىنىغا چىقىرۋېتىشىڭىزنى كۆرسىتىدۇ.

كونكرېت بەلگىلەش ئۇسۇلى: ئالدىنقى ئىككى كۈنلۈك يۇقىرى نۇقتا ۋە تۆۋەن نۇقتىغا ئاساسەن زىيان بەلگىلەش. يەنى يۇقىرىدىن ئالدىنقى ئىككى كۈنلۈك يۇقىرى نۇقتا ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرىسىنى، تۆۋەندىن بولسا، ئالدىنقى ئىككى كۈنلۈك تۆۋەن نۇقتا ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى بەلگىلەشكە بولىدۇ. بۇخىل ئۇسۇلدا زىيان بەلگىلىگەندە، بەزىدە بازار باھاسى سى بەلگىلىگەن نۇقتىغا كېلىپ مېلىڭىزنى زىيىنىغا سېتىۋېتىپ، شۇ نۇقتىدىنلا يەنە ئەسلىي يۆنىلىشكە قايتىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنداق چاغدا پۇشايمان قىلسىڭىز ياكى زىيان بەلگىلەشتىن يالتىيىپ قالسىڭىز بولمايدۇ. سىزنى پۇشايماندىن ساقلاپ قالىدىغىنى، كۆپىنچە ھاللاردا بازار باھاسىنىڭ سىز زىيان بەلگىلىگەن كېلىپ مېلىڭىزنى سېتىۋەتكەندىن كېيىن يەنە ئىزچىل چۈشۈپ كېتىشى ياكى ئۆرلەپ كېتىشىدۇر. بۇ چاغدا سىز زىيان بەلگىلەشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ قالىسىز.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.