نەق مال كۈمۈش سودىسىدىكى مال كۆپەيتىش ماھارىتى

zumrat 2015-09-07 17:14:41

\


نەق مال كۈمۈشكە مەبلەغ سالغاندا،مال قوشۇش مەشغۇلاتى بىرخىل تېخنىكا ھېسابلىنىدۇ،مال قوشۇش پايدا ئېلىش ئۈچۈن بولۇپ، مالنى كۆپەيتىش ئۈچۈن مال قوشۇشقا بولمايدۇ.
.1 مال قوشۇشنىڭ ماھىيىتى
ئاۋال ئېنىق قىلۋالدىغىنى مال قوشۇش بولسا مەبلەغ سېلىشنىڭ بىرخىل تېخنىكىسى ۋە قورالى،لېكىن نىشانى ئەمەس،مەبلەغ سېلىشنىڭ نىشانى خېيىم-خەتەر نىسبىتى ئەڭ كىچىك بولغان كىرىم.
.2 مال قوشۇشنىڭ ئىشلىتىلىشى
مال قوشۇش ئادەتتە ئېفىر مۇنارى شەكلىدە مال قوشۇش ئۇسۇلى بويىچە بولىدۇ،ئۆسۈشكە سودا قىلغاندا تۆۋەن نۇقتىدا بىر قىسىم مال سېتىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ،مەسىلەن 20قول بولسا،بازار يۆنىلىشى مۇقىم ھالەتكە يەتكەندە يەنە 10قول مال سېتىۋېلىش،مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ يەنە 5 قول مال سېتىۋېلىش.تۆۋەن نۇقتىدا سېتىۋالغان مال سانى يۇقىرى نۇقتىدىن سېتىۋالغان مال سانىدىن يۇقىرى بولغاندا مال سېتىۋېلىشقا كەتكەن دەسمايىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
.3 مال قوشۇشنىڭ ئىشلىتىش ئوبيېكتى
تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئېلىپ ئېيتقاندا،ئاز دېگەندە كەلگۈسى بىر ھەپتىلىك بازارنىڭ يۆنىلىشىگە توغرا ھۆكۈم قىلالايدىغان مەبلەغ سالغۇچىلار مال قوشۇشنى قوللانسا بولىدۇ، مەشغۇلات رېتىمىدىن قارىغاندا مال قوشۇش قىسقا ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىك سودا قىلىدىغان مەبلەغ سالغۇچىلارغا ماس كېلىدۇ؛مال قوشقاندا يەنە مەبلەغنىڭ ئاز كۆپلىكىگە قاراپ مەشغۇلات قىلىشى كېرەك.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.