كۈمۈش ئېھتىياجى

zumrat 2015-07-10 16:22:57
  • \

    كۈمۈش گەرچە ئالتۇنغا ئوخشاش كەم ئۇچرايدىغان مېتال بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا بىر خىل قىممەتلىك مېتال ھېسابلىنىدۇ . بەزىلەر كۈمۈشنى بايلىق مەنبەسىنىڭ بىر خىلى دەپ تۇرۇپ ئىشلىتىدۇ ، شۇنداقلا بەزىلەر كۈمۈشنى مەبلەغ سېلىش ئورنىدا ئىشلىتىدۇ.

    (1) سانائەتتىكى كۈمۈش ئېھتىياجى

    غەربتىكى ھەرقايسى چوڭ سانائەت دۆلىتى ھەر يىلى نۇرغۇن كۈمۈش ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق،بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ كۈمۈش سەرپ قىلىشى يەر شارى بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرۇپ 34 % تىنى ئىگەنلەيدۇ ، ئۇنىڭدىن قالسا ياپونىيە ، گېرمانىيە ، ھىندىستان قاتارلىقلار.

    كۈمۈش ئىنسانىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر زىننەت بۇيۇملىرى ياكى سەرەمجانلاشتۇرۇش ئەسۋابلىرى سۈپىتىدە ياخشى كۆرۈپ ئىشلەتكەن، شۇنداقلا يورۇقلۇق سېزىش ۋە توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى كۈچلۈك فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتىنى ئاساس قىلغان،فوتو سۈرەتچىلىك ۋە ئېلېكترون سانائىتىنىڭ كۈمۈشكە بولغان ئېھتىياجى چوڭ، بۇنىڭدىن باشقا كۈمۈشنى زاماسكىلاش ماتېرىيالى ، يۈز ئەينىكى دۈمبىسىدىكى سىر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

    (2) مەبلەغ سېلىش خاراكتېرلىك ئېھتىياج، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر كۈمۈش ئەسۋابلار سېتىۋېلىپ مەبلەغ سېلىش قىممىتىنى ساقلاشقا ئىشلىتىدۇ، ئەمما ھىندىستان خەلق ئىچىدە كۈمۈشنى يىغىپ ساقلاپ ئادىتى بار. خەلق ئىچىدە كۈمۈشنى يىغىپ ساقلاپ ئادىتى كۈمۈشنىڭ مەبلەغ سېلىش خاراكتېرلىك ئېھتىياجىنى شەكىللەندۈرگەن.

    (3) قۇيما پۇل كۈمۈش ئېھتىياجى، ھازىر دۇنيادا يەنىلا تەڭگىنى ئوبوروت قىلىش مەۋجۈت، قۇيما پۇل كۈمۈش ئېھتىياج مىقدارىنىڭ 3-5% تىنى ئىگىلەيدۇ.

    (4)ھۆكۈمەت جەلپ قىلىش ۋە ئارىلىشىش،بەزى دۆلەت ھۆكۈمەتلەرنىڭ سېتىۋېلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ كۈمۈش بازىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئارىلىشىدۇ، بۇنداق قىلىشى كۈمۈش باھاسىنىڭ بىراقلا ئۆرلەپ كېتىشى ۋە چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر .

    سەمىمىي ئەسكەرتىش

    مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.