غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتىنىڭ كۈمۈشكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ھۆكۈم قىلش

zumrat 2015-07-03 18:46:14
  • \

    غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش نوپۇسى سانلىق مەلۇماتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئىپادىلىنىش شەكلى بولسا ھەر ئايلىق ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش نوپۇسىنىڭ قانچىلىك كۆپەيگەن ياكى كېمەيگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى ئىشسىزلىق نىسبىتى بىلەن تەڭ ئېلان قىلىنىدۇ.غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىدىن ئادەتتە ئىككى خىل ئەھۋالنى ئىگىلىگىلى بولۇپ،كارخانىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ۋە ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلەش ،بۇ سانلىق مەلۇمات بازار ئەڭ دىققەت قىلىدىغان ئايلىق ئىقتىساد كۆرسەتكۈچى،غەيرى يېزا ئىگىلىك ئۇچۇردىن مەبلەغ سالغۇچىلار ئادەتتە كۆپ خىل بازارلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈۋالالايدۇ،سانلىق مەلۇمات كېمەيسە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ پەسەيگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ،سانلىق مەلۇمات چوڭ دائىرىدە كۆپەيسە ئىقتىسادنىڭ ئىلگىرىلەش ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ.
    غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتىنىڭ كۈمۈشكە كۆرسىتىدىغان تەسىرگە ھۆكۈم قىلشتا چوقۇم كۈمۈشنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئويلىشىش، ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلغاندا، كۆپ چاغلاردا غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى، بازارنىڭ مۆلچەرى ئالدىنئالا كۈمۈش بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ بولدۇ. شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار ئەڭ ياخشىسى تەتۈر يۆنىلىش بويىچە سودا قىلماسلىق كېرەك.
    غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇماتنىڭ بازارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى
    1. ئېلان قىلىنغان ئەمەلىي قىممەت ئالدىنقى قىممەتتىنمۇ چوڭ، مۆلچەر قىممەتتىنمۇ چوڭ بولسا، دوللارغا پايدىلىق، ئالتۇن، كۈمۈش باھاسىغا پايدىسىز بولدۇ.
    2. ئېلان قىلىنغان ئەمەلىي قىممەت ئالدىنقى قىممەتتىنمۇ كىچىك، مۆلچەر قىممەتتىنمۇ كىچىك بولسا، دوللارغا پايدىسىز، ئالتۇن، كۈمۈش باھاسىغا پايدىلىق بولدۇ.
    3. ئېلان قىلىنغان ئەمەلىي قىممەت ئالدىنقى قىممەتتىن كىچىك، مۆلچەر قىممەتتىن چوڭ بولسا، ئالتۇن، كۈمۈش باھاسى ئاۋال ئۆرلەپ ئاندىن چۈشىدۇ.
    4. ئېلان قىلىنغان ئەمەلىي قىممەت ئالدىنقى قىممەتتىن چوڭ، مۆلچەر قىممەتتىن كىچىك بولسا، ئالتۇن، كۈمۈش باھاسى ئاۋال چۈشۈپ ئاندىن ئۆرلەيدۇ.

    سەمىمىي ئەسكەرتىش

    مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.