ئالتۇن ۋە كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ سالامەتلىككە قانداق تەسىرى بار ؟

rabigul 2019-04-04 16:22:46
ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنىڭ كۆركەم بولۇش رولى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە بەدەنگە بىر خىل مۇقىم تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئەلۋەتتە بۇ بىر خىل تەسىر ياخشى تەرەپ.قەدىمكى كىشىلەرنىڭ ئىزچىل ئالتۇن-كۈمۈش تاقاشقا بېرىلشى ،ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ بەدەنگە پايدىلىق تەرىپىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى ۋە تارىخىي چۆكمە ھاسىل قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئالتۇن
ئالتۇننىڭ روھنى تىنچلاندۇرۇش رولى بار ، پەقەت زىننەت بۇيۇملىرىدىنلا ئىبارەت دەپ قالماڭ ، ئەمەلىيەتتە جۇڭيى دورىلىرىغا "ئالتۇن"نىڭ تەركىبىنى مۇۋاپىق مىقداردا قوشىدۇ ، مەسىلەن ، كۇمىلاچ دورىغا ئالتۇن ئورالماكىيىم ياكى ئالتۇن تامغىسى قوشۇلىدۇ ، مەسلەن داڭلىق ئەنگۇڭ سېرىق كۇمىلىچى ، بۇ ئارقىلىق يۈرەكنى ، ئۇيقۇسىزلىق ،قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى تېخىمۇ ياخشى داۋالىغىلى بولىدۇ .

\

ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرى
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، يۈەن شىكەينىڭ باشىنىڭ يېرىمى ئاغرىيدىكەن ، خۇاڭ شىپىڭ ئىسىملىك جۇڭيى دوختۇرى ئۇنىڭ كېسىلىنى ئىككى قېتىم ئالتۇن يىڭنە بىلەن داۋالاپ ساقايتقانىكەن.چۈنكى ، ئالتۇن يۈرەك-جىگەر قىسمىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتىدىغان بولغاچقا ، يىڭنە بىلەن يىڭنە سانجىپ داغلاش ئەڭ مۇۋاپىق ، ئۇ يۇقىرىغا يۈزلەنگەن يامان ئوتنى پەسەيتىپ ، جىڭلو قان‏- تۇمۇرنى راۋانلاشتۇرىدۇ.لېكىن ئادەتتە ئالتۇن يىڭنىنى بەدەنگە دائىم سانجىشقا بولمايدۇ. ئالتۇن ھالقا تاقىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش رول ئوينايدۇ.

\

كۈمۈش
لى شىجېننىڭ "دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى" دا خاتىرىلىشىچە ، كۈمۈش تەركىبىدە بەش خىل ماددا بار بولۇپ ، مەينەتچىلىك ، ساراسىمىگە چۈشۈش ، يامان كەيپىياتنى يوقىتىش قاتارلىق ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمى بار.ھازىرقى زامان تببابىتىدە كۈمۈش باكتبرىيە ئۆلتۈرۈپ ياللۇغ قايتۇرۇش ، زەھەر تازىلاپ كۈتۈنۈش ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش ، ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە ، مبتابولىزمنى تبزلىتىپ ، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ ، دەپ قارىلىدۇ.بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، دائىم كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىغاندا سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپ ، زىيانمۇ بولمايدۇ.

كۈمۈش زىبۇزىننەتلىرى
قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ، گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى ھالقا ئېسىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ، قۇلاق تىشىپ باققان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ ، ئەگەر يېڭى تەشكەن قۇلاق تۆشۈكىگە بىر جۈپ تۆمۈر ھالقا سېلىنغان بولسا ، 100% ياللۇغلىنىدۇ ، ئەمما كۈمۈش ھالقا تاقىسا ، ياللۇغلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، بەلكى يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشى ناھايىتى تېز بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.



سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.