كۈمۈش بىلەن پىلاتىنانى)ئاق ئالتۇن( قانداق پەرقلەندۈرىمىز ؟

rabigul 2019-03-27 15:58:27

\

پلاتىنانىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى ئاق ئالتۇن ، كۈمۈش بىلەن پلاتىنا قارىماققا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ ، شۇڭا تەجرىبىسى يوق ئادەم ئىككىسىنى پەرقلەندۈرۈشى ناھايىتى تەس ، ئەمەلىيەتتە ئىنچىكە كۆزەتكەندە يەنىلا پەرق ئەتكىلى بولىدۇ ، تۆۋەندە پلاتىنا بىلەن كۈمۈشنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلى بار.

(1) سىرتقى كۆرۈنۈشى بىلەن قاتتىقلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ.

ئاق ئالتۇننى ئاددىي كۆز بىلەن كۆزەتكەندە ، سەل كۈلرەڭ ، يورۇق ، ئاق رەڭدە كۆرۈنىدۇ ، قاتتىق بولىدۇ ،ئۇنىڭ كۆرنىشى كۈمۈشكە قارغاندائاق، ھەم سىلىق ، يېنىك ئوكسىدلاندۇرساق كۈل رەڭ ياكى قارا رەڭگە ئۆزگىرىدۇ،لېكىن كۈمۈش ئاق ئالتۇندىن يۇمشاق بولىدۇ.

(2) قولىڭىزغا چىققاندىن كېيىنكى ئبغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ.

.ئېغىرلىقى جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ئاق ئالتۇننىڭ ئېغىرلىق نىسبىتى 21.4 ، كۈمۈشنىڭ ئېغىرلىق نىسبىتى 10.49 بولۇپ ، بىر ھەجىمدىكى ئاق ئالتۇن كۈمۈشكە قارىغاندا بىر ھەسسە ئېغىر بولىدۇ ، ئىككىسىنى قولىغا ئېلىپ دەڭسەپ كۆرسەك ، ناھايىتى روشەن پەرقلىنىپ كېتىدۇ.

3.ئوتتا كۆيگەندىن كېيىنكى رەڭگى ئوخشىمايدۇ.

ئاق ئالتۇن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرىدۇ ، ئۇنىڭ ئوتتا ئېرىش نۇقتىسى 1770 يىتىدىغان بۇلۇپ، بىر ھەسسە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا (بېنزىن) كۆيسىمۇ ئېرىمەيدۇ ، سوۋۇغاندىن كېيىن رەڭگى ئۆزگەرمەيدۇ ياكى ئېرىگەن

ئىزى قالىدۇ ، بۇ ئاق ئالتۇننىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۇ.كۈمۈشنىڭ ئېرىش نۇقتىسى تۆۋەن بولۇپ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا كۆيدۈرۈلگەندىن كېيىن ، كۈمۈش تەركىبىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپ رەڭگى قارامتۇل قىزىل ياكى قارا رەڭدە بولىدۇ.ئۇندىن باشقا ئاق ئالتۇن چىرىتىشكە چىداملىق ، ھەرقانداق كىسلاتاغا يولۇقسا ، ئىشقارلىق ئىنكاس قايتۇرمايدۇ ، لېكىن كۈمۈش كۈچلۈك كىسلاتانىڭ چىرىتىشىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

4) تامغا بەلگىسى ئوخشىمايدۇ.

ئاق ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنىڭ پەرقى شۇكى ، بىز يەنە زىننەت بۇيۇملىرىنى تامغا ئارقىلىق پەرقلەندۈرەلەيمىز.دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بار ، زىننەت بۇيۇملىرىغا تامغا ۋە ساپلىق بەلگىسى بېسىلىدۇ.مەسىلەن ، زىننەت بۇيۇملىرىدا 'PT' ياكى 'PLATNUM' دېگەن خەتلەر بولسا ، پلاتىنا يەنى ئاق ئالتۇن دىگەن بۇلىدۇ.ئەگەر ، زىننەت بۇيۇملىرىدا 'S' ياكى 'SILVER' دېگەن خەتلەر بولسا كۈمۈش بولىدۇ.

زىننەت بۇيۇملىرى سېتىۋالغاندا ئاق ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك ، بۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان رەڭ ، قاتتىقلىق دەرىجىسى ، ئېغىرلىق ۋە تامغا ئارقىلىق پەرقلىنىدۇ
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.