ئوتتۇرچە سىزىقتا چۈشۈشكە ئېلىش ئۇسۇلىدا خەۋىپ-خەتەرنى كونترول قىلغىلى بولامدۇ؟

rabigul 2019-03-08 13:05:04

\

سودىدا، خەۋىپ-خەتەر بىلەن پايدا تەڭ مەۋجۇت، مەغلۇبىيەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئالمىشىپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار خەۋپ - خەتەرنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش ئۈچۈن، بەزى ئوتتۇرچە سىزىق نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا خەۋپ - خەتەرنى كونترول قىلىش ئۇسۇلى ۋە ماھارىتىنى ئىگىلەيدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئوتتۇرچە سىزىقتا چۈشۈشكە ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق خەۋىپ-خەتەرنى كونترول قىلىش تەدبىرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى؛

سودىدا، دائىم بەزى مەبلەغ سالغۇچىلار يېتەرلىك ئاساسى بىلىم ئىگىلەشكە، ھەم بىر ياخشى روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ، ئاخىرىدا بازاردا ئازراق ئۆزگىرىش بولسا، نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدۇ. يەنە بىر قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار ھەمىشە ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەندىن كېيىنكى تۆۋەنلەش جەريانىدا داۋاملىق ئۆسۈش ماللىرىنى ساقلاپ، ۋاقتىدا چىقارماي ئەڭ ئاخىردا چوڭ زىيان تارتىۋالىدۇ.

ئىلگىرىكى ئۆرلەش يۈزلىنىشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاجىز يۈزلىنىشى ئىپادىلەنگەن ۋاقىتتا، مەبلەغ سالغۇچىلار ئوتتۇرچە سىزىق نەزەرىيىسىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەرنى كونترول قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۇنداقتا، ئەگەر ئوتتۇرا سىزىقنى تاللىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئالدى بىلەن يۈزلىنىشكە نىسبەتەن بىر مۇۋاپىق ۋە توغرا تونۇشتا بولىشىڭىز كېرەك، ئاندىن ئايلىق سىزىق ئۆزگىرىشى ۋە يۈزلىنىشىگە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.

ئەگەر سودىڭىزدا 20 - كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىقتا يۇقىرى ئۆرلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈپ تەكشى ياكى تۆۋەنلەش ھالتىگە كىرگەن ۋاقىتتا، مەبلەغ سالغۇچىلار ھوشيارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. ئارقىدىنلا، ئەگەر باھا20 كۈنلۈك ئوتتۇرچە سىزىقنى بۇزۇپ تاشلىسا، مەبلەغ سالغۇچىلار قارىغۇلارچە چۈشۈشكە كىرمەي، بازار پۇرسىتىنى ئىزدەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاندىن چۈشۈشكە ئېلىش كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.