كۈمۈش باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بەش ئاساسىي ئامىل

rabigul 2018-11-29 18:31:12

\

1. كۈمۈش باھاسى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى؛

خەلقئارا كۈمۈش باھاسى ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، كۈمۈش باھاسى بىلەن دوللار يۈزلىنىشىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ئىنتايىن زىچ؛ ئادەتتىكى ئەھۋالدا دوللاردا ئۆرلەش كۆرۈلسە، كۈمۈشمۇ تۆۋەنلىسە ۋە دوللارمۇ تۆۋەنلىسە، كۈمۈش باھاسى ئۆرلىشىنىڭ تەتۈر يۆنىلىشلىك ئۆزئارا مۇناسىۋىتى. ئاساسىي يۈزى ، مەبلەغ دائىرىسى، تەمىنات - تەلەپ مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى نورمال بولغان ئەھۋال ئاستىدا، كۈمۈش بىلەن دوللارنىڭ تەتۈر يۆنىلىشىلىك ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى يەنىلا مەبلەغ سالغۇچىلار كۈمۈشنىڭ يۈزلىنىشىگە ھۆكۈم قىلىدىغان مۇھىم ئىسپات.

2. كۈمۈش باھاسى بىلەن نېفىت باھاسىنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى؛

نېفىت باھاسى ئىزچىل كۈمۈش بازىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، سەۋەبى بولسا كۈمۈش باھاسى پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئەمما خەلقئارا خام نېفىت باھاسى پۇل پاخاللىقى سەۋىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا كۈمۈش باھاسى بىلەن خەلقئارا خام نېفىت باھاسى ئوڭ يۆنىلىشلىك ئۆزئارا مۇناسىۋىتىگە ئىگە.

3. كۈمۈش باھاسى بىلەن خەلقئارا تاۋار بازىرىنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى؛

جۇڭگو، ھىندىستان، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىقتىسادنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغاچقا، رەڭلىك مېتال قاتارلىق تاۋارلارغا بولغان ئېھتىياجى ئۇدا كۈچەيدى. مەبلەغ سالغۇچىلار كۈمۈش باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىگە ھۆكۈم قىلغاندا، چوقۇم خەلقئارا تاۋار بازىرى بولۇپمۇ رەڭلىك مېتال باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىگە دىققەت قىلىشى زۆرۈر.

4. كۈمۈش باھاسى بىلەن پاي چېكى بازىرىنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى؛

خەلقئارا كۈمۈش بازىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىن كۆرسىتىلىشىچە، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، كۈمۈش بىلەن پاي چېكى بازىرىمۇ تەتۈر يۆنىلىشلىك ئايلىنىدۇ؛ پاي چېكى بازىرى چوڭ نىسبەتتە ئۆرلىگەن ۋاقىتتا، كۈمۈش باھاسى دائىم تۆۋەنلەيدۇ، ئەكسىچە بولغاندىمۇ شۇنداق. لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق پاي چېكى بازىرى بولسا نىسبەتەن يېپىق ھالەتتە. كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆرلەش ياكى تۆۋەنلىشى بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇق پاي چېكى بازىرىنىڭ ئۇنداق چوڭ مۇناسىۋىتى يوق، ئەمما چېگرا سىرتىدىكى بەزى مۇھىم پاي چېكى بازىرى بىلەن بىر قەدەر كۈچلۈك چېتىشلىق دەرىجىسى بار.

5. كۈمۈش باھاسى بىلەن بازار پەسىل خاراكتېرلىك تەمىنلەش ئېھتىياج ئامىللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى؛

تەمىنلەش - تەلەپ مۇناسىۋىتى بولسا بازارنىڭ ئاساسى، كۈمۈش باھاسى بىلەن خەلقئارا نەق مال كۈمۈش بازىرىنىڭ تەمىنلەش - تەلەپ مۇناسىۋىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك، نەق مال كۈمۈش بازىرىدا دائىم بىر قەدەر كۈچلۈك پەسىل خاراكتېرلىك تەمىنلەش - تەلەپ قانۇنىيىتى بولدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.