ئالتۇن- كۈمۈشكە بازىرىغا كىرىشتىكى ئەڭ مۇۋاپىق پەيت

rabigul 2018-11-22 17:30:20

\

قىممەتلىك مېتاللارغا مەبلەغ سېلىش، مەسلەن نەق مال ئالتۇن، نەق مال كۈمۈشكە مەبلەغ سېلىش كۈندىلىك سودا پۈتۈشۈش مىقدارى غايەت زور؛ بازار ئۆزگىرىشچان، پايدا ئېلىش پۇرسىتى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن يېڭى مەبلەغ سالغۇچىلاردا مەبلەغ سېلىش تەجرىبىسى كەمچىل، ئەڭ يېڭى پايدا ئېلىش پۇرسىتىنى ئىگىلەش ناھايىتى تەس، شۇڭا تۆۋەندە كۆپچىلىككە ئالتۇن- كۈمۈشكە مەبلەغ مەبلەغ سېلىشتا قانداق ئېلىم - سېتىم قىلىش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.

1. مۇۋاپىق پەيتتە بازارغا كىرىش؛

ئالتۇننى گەرچە 24 سائەت سودا ئېلىپ بارغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا، بازارنىڭ تەۋرىنىش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. مەسلەن، نەق مال ئالتۇن بازىرىدا، ئەتىگەنلىك بازارنىڭ تەۋرىنىشى سۇس بولدۇ؛ كەچ 20:00 دىن 24:00 گىچە ياۋروپا بازىرى ۋاقتى بولۇپ، بۇ چاغدا بازار ئەڭ جانلىق بولدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار مۇشۇ ۋاقىتتا بازارغا كىرىشنى تاللىسا، ئەڭ ئاز ۋاقىت سەرپ قىلىپ يامان ئەمەس پايدا ئالغىلى بولدۇ.

2. كۆڭۈل قويۇپ قىسقا مەزگىللىك سودىغا مەبلەغ سېلىش؛

كۈمۈش، ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش پىشاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بازار ئۆزگىرىشى ناھايىتى كەسكىن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە قىسقا مەزگىللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ؛ ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ سېلىشتا، ئەگەر يېتەرلىك ۋاقىت بازار كۈزەتمىسەك، خەۋپ - خەتەر زور دەرىجىدە چوڭىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، قىسقا مەزگىللىك مەبلەغ سالغاندا، كېچىدە مال ساقلاپ قىلىش خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتقىلى بولدۇ، ھەم مەبلەغ سېلىش تەننەرخىنى تېخىمۇ ئازايتىدۇ.

3. بازار يۆنىلىشىگە ئەگىشىپ سودا قىلىش، باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىك؛

پەقەت بازارلا توغرا سىگنال قويۇپ بېرىدۇ، ئەگەر باشقىلارنىڭ گېپىگە ئېشىنىپ كەتكەندە ئاسانلا زىيان تارتىدىغان قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. بازارغا كىرىشتىن ئىلگىرى، بازارنىڭ ئاساسىي يۈزىنى ياخشى تەھلىل قىلىپ ۋە بازار يۈزىنىڭ K سىزىق ھالىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغاندا، پايدا ئېلىش پۇرسىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولدۇ. پۇختا تەييارلىق بىلەن بازارغا كىرگەندە، مەغلۇپ بولغان تەقدىردىمۇ مەبلەغ سېلىش تەجرىبىسى موللىشىپ، كېلەر قېتىم ئوخشاش خاتالىق يۈز بېرىشتىن ساقلىنىپ ئوڭۇشلۇق پايدا ئالغىلى بولىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.