نەق مال كۈمۈشكە مەبلەغ سېلىش ئاساسىي ماھارىتى داۋامى

rabigul 2018-10-24 17:06:38

\

5. كۈمۈشكە مەبلەغ سېلىش ماھارىتى: پايدا ئەمەلىي تاكتىكىسى؛

پايدا كۆرۈلگەن ھامان مالنى قولدىن چىقىرىڭ؛ پايدا ئاز بولسىمۇ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ، پۇرسەتنى تۇتۇش دەل پۇل تېپىشنىڭ سىرى. ھەر قانداق ئاز پايدا ئېلىش پۇرسىتىنىمۇ قولدىن بىرىپ قويمىساقلا، تاما - تاما كۆل بولدۇ ! لېكىن ئېنىق بولمىغان بازار ئەھۋالىدا ، ئۆزىنى كونترول قىلىشىڭىز ، مال ئېلىش سانىنى كېمەيتىپ، ھەر ئېھتىمالغا قارشى زىياننى بەلگىلەشكە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك.

6. كۈمۈشكە مەبلەغ سېلىش ماھارىتى: مۇۋاپىق مەشغۇلات پىلانى تۈزۈش؛

يەنى مال سانىنى مۇۋاپىق كونتىرول قىلىش، ئادەتتە ئومۇمىي مەبلەغنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ تۆۋەندە مال ئېلش، مال سانى قانچە ئاز بولسا، خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك ، شۇنداقلا ئەمەلىي ئۈستىگە ئالدىغان خەۋپ - خەتەرمۇ شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ. مەشغۇلات قىلىشتىن بۇرۇن مەبلەغ مىقدارىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە ئاساسەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نىسبىتىنى مۇۋاپىق بۇيرۇتۇش، خاتا مەشغۇلات كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن بوشلۇق ۋە پۇرسەت قالدۇرۇپ قويۇش كېرەك.

7. كۈمۈشكە مەبلەغ سېلىش ماھارىتى: ئاچكۆزلۈكنى كونترول قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدىن غالىب كېلىش؛

كۈمۈشكە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى دەل ئۆزى. ئاچكۆزلۈك، ئالدىراقسان، كونتروللۇقىنى يوقاتقان كەيپىيات، مۇداپىئەلىنىش ئېڭى يوق، ھەددىدىن زىيادە تەۋەككۇل قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئاسانلا كۈمۈشكە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بازارنىڭ يۈزلىنىشىگە سەل قاراپ خاتا مەبلەغ سېلىش قارارىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بازار ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تەۋەككۇل قىلىپ، مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماڭ.

8. كۈمۈشكە مەبلەغ سېلىش ماھارىتى: مەبلەغنىڭ يېتەرلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛

ھېسابتتىكى مەبلەغ قانچە ئاز بولسا، مەبلەغ سېلىش خەۋپ - خەتىرى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. مەبلەغ قانچە يېتەرلىك بولسا، ئاندىن مەبلەغ سالغۇچىلار داۋاملىق مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرشەلەيدۇ.

9. كۈمۈشكە مەبلەغ سېلىش ماھارىتى: بازار يۈزلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىش؛

نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار كۈمۈش بازىرىغا مەبلەغ سالغاندا كۆپىنچىسى قىسقا ۋاقىتلىق سودا ئېلىپ بارىدۇ. كاپالەتلىك ئالتۇن سودىسى قائىدىسى ئاستىدا ، چۈشۈش مېلىغا قارىغاندا ئۆسۈش مېلىدىن پايدىغا ئېرىشىش تېخىمۇ ئاسان.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.