نەق ئالتۇن سودىسىنىڭ باشقا سودىلار بىلەن بولغان پەرقى

zumrat 2015-02-10 14:14:08

\


پاي چەك بىلەن بولغان پەرقى

1.پاي چەك سودىسىدا پەقەت ئۆسۈشكە سودا قىلغىلى بولىدۇ ، نەق ئالتۇن سودىسىدا بولسا قوش يۆلىنىشلىك سودا قىلغىلى بولىدۇ ، چۈشۈشكە ھەم ئۆسۈشكە مال ئالغىلى بولىدۇ.
2.پاي چەك بازىرىدا بىركۈندە پەقەت 4 سائەت سودا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ ، ئالتۇن سودىسى كۈنىگە 24 سائەت سودا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3.پاي چەك رايون خاراكتېرلىك بازار ، ئالتۇن بولسا خەلقئارالىق بازار.
4.نەق ئالتۇن كاپالەت سوممىسى 1:100 بولغان نىسبىتى بويىچە ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ سودا قىلغىلى بولىدۇ ، پاي چەكتە 100% مەبلەغ بىلەن سودا ئېلىپ بارىدۇ.
5.پاي چەك مەلۇم كىشى ياكى گۇرۇھ جەھەتتىن كونترول قىلىنىدۇ ، نەق ئالتۇن خەلقئارا ئۆلچەمنى ئاساس قىلىدۇ.

ماددىي بۇيۇم ئالتۇنى بىلەن بولغان پەرقى

1.ماددىي بۇيۇم ئالتۇن سودىسى قىلغاندا پەقەت باھا ئۆرلىگەندە پايدا ئالغىلى بولىدۇ . نەق ئالتۇندا باھا ئۆرلىسە ۋە چۈشسە ئوخشاشلا پايدا ئالغىلى بولىدۇ.
2.ماددىي بۇيۇم ئالتۇن سودىسىدا كۆپ مەبلەغ بىلەن ئاز پايدا ئالىدۇ ، نەق ئالتۇن سودىسىدا ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدۇ.

قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى بىلەن بولغان پەرقى

1.قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى بىلەن نەق ئالتۇن سودىسىنىڭ ھېسابات ئۈزۈش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ ، نەق ئالتۇن بولسا قىسقا مەزگىللىك كېلىشىم بولۇپ ، سودىدىن كېيىنلا ھېساب ئۈزۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ . قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى ئۇزاق مەزگىللىك كېلىشىم بولۇپ ، بەلگىلەنگەن ئايدا ھېسابنى ئۈزىدۇ.
2.قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.
3.قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسىنىڭ خېيىم-خەتىرى نەق ئالتۇن سودىسىدىن چوڭ بولىدۇ ، قەرەللىك مال ئالتۇن سودىسى ۋاقىت چەكلىمىسى بولغانلىقىدىن خالىغان ۋاقىتتا مالنى قولدىن چىقىرۋېتەلمەيدۇ .

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.