مەبلەغ سېلىشتىكى مۇددىئايىمىز نىمە؟

zumrat 2015-02-10 13:56:43
  • بەزى ئادەملەر خاتا ھالدا مەبلەغ سېلىشتىكى مەقسىتىنى پۇل تېپىش دەپلا چۈشىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپ قىسىم ئادەملەر پايدا ئېلىشنى ئەمەس بەلكى ئۆز قىزىقىشى ۋە ئۈمىدىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ.
    كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ئۈچۈن پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايدۇ، بەزىلەر ھەتتا جاننىمۇ تىكىپ قويىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھەرىكەتلىنىشى ئۈچۈن خالاس.

    تۆۋەندە بىر قانچە مىسال ئالايلى:

    بەزى كىشىلەر قىياس قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى قىياس قىلىش تېخنىكىلىق ئانالىزدەك زېرىكىشلىك ئەمەس. شۇڭا ئۇلار گەرچە بىلىم قۇرۇلمىسى جەھەتتىن تېخى يېتىلمىگەن بولسىمۇ يەنىلا قالايمىقان پەرەز قىلىشنى تاللىشىدۇ.
    بەزى كىشىلەر قىسقا لىنىيىلىك مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى قىسقا لىنىيىلىك مەشغۇلات ئۇنىڭغا كۆپ پۇرسەت بېرەلەيدۇ، گەرچە قىسقا لىنىيىلىك تەجرىبىسى ۋە تېخنىكىسى بولمىسىمۇ ئۇلار يەنىلا سىناپ بېقىشنى خالايدۇ، ھەتتا بارلىق پۇلىنى سېتىۋەتسىمۇ مەيلى.
    بەزى كىشىلەر توختىماي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشنى، ئارام ئالماسلىقنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئارام ئېلىش بىر مۇنچە پايدىدىن قۇرۇق قېلىش دېگەن گەپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى بارا بارا ناچارلىشىپ كېتىدۇ.
    بەزى كىشىلەر تولىمۇ بەتخەج كېلىدۇ، ئۇلار تاپقان پۇلىنى بۇزۇپ چېچىۋىتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ مەبلىغى كۆپەيمەيدۇ، باي بۇلۇش يولىدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىدۇ.
    بەزىلەر ھەرخىل مۇنبەرلەردە ئارىلاپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارچە مۇشۇنداق قىلغاندا جىق بىلىملەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا كۆپلىگەن ئەخلەت ئۇچۇرلارنى يىغىۋېلىپ زىيان تارتىش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ.
    يەنە بەزىلەر مەبلەغ سېلىش جەريانىدا ئۆگىنىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى مەقسىتى ئاسانلا پۇل تېپىش، لېكىن نەدىمۇ بۇنداق ئىش بولسۇن؟ بىلىم ئالمىغان ياش، تام تۈۋىدىكى تاش ئەمەسمۇ.
    سىز قايسى تۈرگە كىرىدىكەنسىز؟ بەلكىم بۇ مىساللار تۇلۇق ئەمەستۇ، لېكىن ئادەملەر خام سۈت ئەمگەن، قىياس قىلىش، قالايمىقان مەبلەغ سېلىش، ئۇرۇلۇپ سوقۇلۇش....بۇلار ھەقىقەتەن قىزىقارلىق. قىزىقىش گەرچە زىيان ئېلىپ كەلسىمۇ ئۇ يەنىلا قىزىقىش. بىز مانا مۇشۇ قىزىقىشلېرىمىز بىلەن ئۆز بەدىنىمىزنى بېقىۋاتىمىز.
    ئىنتىزام ئادەملەر ئۈچۈن ئەڭ زېرىكىشلىك، شۇڭا ئادەملەر قانچە زىيان تارتسىمۇ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنى خالىمايدۇ.
    سەمىمىي ئەسكەرتىش

    مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.