ئالتۇن باھاسىغا ئانالىز قىلىشتا قوللىنىلىدىغان RSI كۆرسەتكۈچ

zumrat 2015-12-12 17:06:54

\


بەلگىلىك بىر مەزگىل ئىچىدىكى ئوتتۇرىچە ئۆرلەش سانى ۋە چۈشۈش سانىغا ئاساسەن بازار مايىللىقى ۋە ئەمەلىي كۈچىنى تەھلىل قىلىپ، شۇ ئاساستا كەلگۈسى بازار يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كۆپ قوللىنىلىدىغان كۆرسەتكۈچتۇر. بۇ كۆرسەتكۈچ ئىستاتىستىكىلايىغان كۈن سانى ئادەتتە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالتە كۈن، 12 كۈن ۋە 24 كۈن بولىدۇ.

قوللىنىش پرىنسىپى: بىرىنچى، RSI قىممىتى 70 تىن يۇقىرى بولغاندا ياكى 70 ئەتراپىدا بولغاندا ئۆرلەش مېلىنى قولدىن چىقىرىپ، چۈشۈش يۆنىلىشىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.

ئىككىنچى، RSI قىممىتى 30 ئىن تۆۋەن بولغاندا ياكى ياكى شۇ ئەتراپقا يېقىنلاشقاندا چۈشۈش مېلىنى قولدىن چىقىرىپ، ئۆرلەش يۆنىلىشىنى ئويلىشىشقا بولىدۇ.

ئۈچىنچى، RSI يۇقىرى ماڭغان يۆنىلىشىدە RSI2 نى كېسىپ ئۆتكەندە، ئۆرلەش مېلىنى قولدىن چىقىرىپ، چۈشۈش يۆنىلىشىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. چۈشۈش يۆنىلىشىدە RSI1 سىزىقى RSI2 نى كېسىپ بۇلۇڭ شەكىللەندۈرۈپ يەنە يۇقىرى يۆنىلىشكە ماڭسا ئۆرلەش يۆنىلىشىگە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.

تۆتىنچى، باھا تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرغاندا RSI تەڭشىلىشنى تاماملاپ بولسا، كۈتۈلمىگەن باھا ئۆزگىرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بەشىنچى، RSI نىڭ قىممىتى 13 تىن تۆۋەن بولغاندا چۈشۈش مېلىنى تولۇق قولدىن چىقىرىپ، ئۆرلەش يۆنىلىشىگە چوڭ ئەگىشىشكە بولىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.