ئالتۇن كۈمۈشنىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

zumrat 2015-10-10 16:22:24

\

ئالتۇن ساقلاش قىممىتىنى ۋە قىممىتىنى ئاشۇرۇش خاسلىققا ئىگە،شۇنداقلا تەبىئىي پۇل خاسلىققا ئىگە،ھەر قايسى دۆلەتلەر ئالتۇن زاپىسى دۆلەتنىڭ مۇقىم مۈلۈك سۈپىتىدە بىر چوڭ ئۇل ھېسابلىنىدۇ،نۇرغۇنلىغان مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇننى كۆپ مىقدارلىق تاۋار سودىسى سۈپىتىدە چۈشىنىدۇ،ئالتۇن يۈزلىنىشى ئىقتىساد يۈزلىنىشىگە ئەگىشىدۇ دەپ قارىغان ،لېكىن ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارغا ئوخشاش ئاددىي قىلىپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ،ئالتۇن باشقا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىنتايىن تۆۋەن،بۇندىن باشقا يەنە ئاليۇمىن ،مىس ، قوغۇشۇن ، سىنك ، نىكېل قاتارلىق ئاساسىي مېتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قىممەتلىك مېتاللار ئىچىدىكى پلاتىنا ئالتۇن ، پاللادىي - ئالتۇن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ناھايىتى تۆۋەن،بارلىق مېتاللار ئىچىدە ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى يۇقىرى ، باشقا مېتاللار بىلەن بولغان بازار يۈزلىنىش مۇناسىۋىتى ناھايىتى تۆۋەن،كۈمۈش بىلەن ئالتۇن مۇناسىۋىتى ناھايىتى چوڭ ،باشقا مېتاللار بىلەن بولغان باغلىنىشلىقى بىر قەدەر تۆۋەن،شۇنى كۆرسەتتىكى ، كۈمۈش پۇلنىڭ خاسلىقى يەنىلا گەۋدىلىك بولۇپ ، ئالتۇن بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان قىممەت خۇسۇسىيىتى بار.
ئالاقىدار كوئېففىتسېنتنى مىسال ئېلىپ ئېيتساق:
ئالتۇن بىلەن كۈمۈش ئۆتكەن 20 يىلدا ئالاقىدار كوئېففىتسېنتى 0.68 ئەتراپىدا ،ئۆتكەن 30 يىللىق ئالاقىدار كوئېففىتسېنتى0.82 ئەتراپىدا بولغان.
ئالتۇن بىلەن پلاتىنا ئالتۇن ئۆتكەن 20 يىلدا ئالاقىدار كوئېففىتسېنتى ئاران 0.45 ئەتراپىدا،كۈمۈش بىلەن پلاتىنا ئالتۇن ئۆتكەن 20 يىلدا ئالاقىدار كوئېففىتسېنتى ئاران 0.43 ئەتراپىدا بولغان.
ئالتۇن بىلەن مىس ئۆتكەن 20 يىلدا ئالاقىدار كوئېففىتسېنتى ئاران 0.28 ئەتراپىدا،كۈمۈش بىلەن مىس ئۆتكەن 20 يىلدا ئالاقىدار كوئېففىتسېنتى ئاران 0.25 ئەتراپىدا بولغان.
ئالتۇن بىلەن نېفىت ئۆتكەن 20 يىلدا ئالاقىدار كوئېففىتسېنتى 0.22 ئەتراپىدا، كۈمۈش بىلەن نېفىت ئۆتكەن 20 يىلدا ئالاقىدار كوئېففىتسېنتى 0.22 ئەتراپىدا بولغان.
بازار باھا يۆنىلىشىنىڭ ئالاقىدار كوئېففىتسېنتىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،خام نېفىت مىس،پلاتىنا ئالتۇن قاتارلىق تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ بازار يۆنىلىشى ئالتۇن بىلەن كۈمۈشكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە باغلىنىشچانلىقى بىرقەدەر تۆۋەن،كۆپرەكى قىسقا يۆنىلىشلىك خەۋەرلەر تەۋرىنىشنى قوزغىتىدۇ،ئۇزاق مەزگىللىك يۈزلىنىش خاراكتېرىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى چەكلىك،شۇڭا ئالتۇن كۈمۈش بازىرىنى تەھلىل قىلغاندا تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار ئارقىلىق ھۆكۈم  قىلىشقا بولمايدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.