ئالتۇن سودىسىدىكى مال ساقلاش ھەققىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى

zumrat 2019-03-01 18:01:05

\

ئالتۇن سودىسى بولسا T+0سودا مېخانىزمى بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار مال ئالغاندا ئىككى خىل يۆنىلىشتە يەنى باھانىڭ چۈشۈشىگە ھىم ئۆسۈشكە مال ئالغىلى بولىدۇ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشكە تاللاپ ئالغاندا بىز ئالغان باھادىن قانچە كېرەك يۇقىرى ئۆرلىسە بىزنىڭ پايدىمىز يۇقىرىلاپ ماڭىدۇ، ئەكسىچە چۈشۈشكە مال سېتىۋالغاندا بىز ئالغان باھادىن قانچە كېرەك باھا چۈشۈپ ماڭسا بىزنىڭ پايدىمىز يۇقىرى بولىدۇ، سودا قىلغاندا ۋاقىت ئورۇن چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، مەبلەغ سالغۇچىلار مال سېتىۋېلىش ۋاقتىنى ياكى مالنى سېتىپ چىقىرىش ۋاقتىنى ئۆزى تاللايدۇ. تاشقى پېرېۋوت سودىسىدا، ئالتۇن بولسا كاپالەت پۇلى سودىسى بولغاچقا، شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار شۇ كۈنى ئىچىدە مال سېتىۋېلىپ، شۇ كۈنىدىكى بازار ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن مالنى سېتىپ چىقىرىۋەتمىسە، شۇ بىر كۈنلۈك ساقلاش ھەققى شەكىللىنىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سودا قىلىش ۋاقتى دۈشەنبە سەھەردىن جۈمە يېرىم كېچىگىچە بولغان ئارىلىقتا توختىماستىن سودا ئېلىپ بارىدۇ، ئۇنداقتا بىز سودىدىكى ساقلاش ھەققىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

بىرىنچى، ئالتۇن ساقلاش ھەققى دېگەن نېمە؟

ئالتۇننىڭ ساقلاش ھەققى دېگىنىمىز خېرىدار مال ئالغان شۇ كۈنى ئۆزىدە مالنى سېتىپ چىقىرۋەتمىگەندە سودا مەركىزى تەرىپىدىن ساقلاپ بېرىلىدۇ، ساقلاش مەزگىلىدە شەكىللەنگەن بىر كېچە تۇرۇپ قالغان ئۆسۈم خىراجىتى. ساقلاش ھەققى بولسا سودا مىقدارى بويىچە ئېلىنىدۇ، چۈنكى ساقلاش ھەققى بانكا قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئاساسەن ھېسابلىنىدۇ، بانكا قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمى بولسا پۇل سوممىسىغا ئاساسەن ھېسابلىنىدۇ، ئالتۇن سودىسىدىكى ساقلاش ھەققى بولسا مالنىڭ سانىغا ئاساسەن ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ساقلاش ھەققى بولسا سودا قىلغان قول سانىنى بىرلىك قىلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان مەبلەغ سېلىش سۇپىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئالغان ئالتۇننىڭ ساقلاش ھەققى ئوخشاش بولمايدۇ.

ئىككىنچى، ساقلاش ھەققىنى ھېسابلاش.

گەرچە سودا سىستېمىسىدا 24سائەت ئىچىدە سودا ئېلىپ بارغىلى بولسىمۇ، ھەرقايسى رايونلاردىكى سودا مەركىزىنىڭ ھېسابات بوغۇش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئالتۇن ساقلاش ھەققىنى ھېسابلاش ۋاقتى شياڭگاڭ سودا مەركىزىنىڭ ھېسابات بوغۇش ۋاقتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئادەتتە لوندون ئالتۇن ۋە لوندون كۈمۈشنىڭ بىر كېچە تۇرۇپ قالغان مالنىڭ ساقلاش ھەققى: ئۆسۈش مېلىنىڭ 1.25%، چۈشۈش مېلىنىڭ0.75% بولىدۇ.

مىسال:

خېرىدار ئالتۇننى خەلقئارالىق باھا بويىچە 1200دوللاردىكى باھادا بىر قول ئۆسۈشكە مال ئالغان بولسا، ئەگەر شۇ كۈنىدىكى بازار يېپىلىش باھاسى 1200دوللار بولسا، شۇ كۈنلۈك ساقلاش ھەققى:

1200دوللار * 100ئۇنسىيە* 1قول* 1.25% * (1/360) =4.1667 دوللار
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.