ئۆزىمىزنىڭ زىيان تارتىش سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ ۋاقتىدا تۈزىتىش

ilkan_atigul 2019-02-21 17:31:18

\

1.زىياننى تۇغۇرلاشتىن قورقۇش، زىيان تارتىشتىن قورقۇش. ئادەتتىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سودا قىلغۇچىلار مەغلۇپ بولۇشتىن قورقۇپ، سودىغا كىرىشكە پېتىنالمايدۇ، زىياننى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. بۇنداق سودا قىلغۇچىلارنىڭ غۇرۇرى بىرقەدەر كۈچلۈك بولىدۇ.

2.ئالدىن مال چىقىرىش. ئەگەردە مالنى چىقىرىۋەتسەك، تەشۋىشلىنىش بولمايدۇ: تەشۋىشنىڭ سەۋەبى قولىمىزدىكى مالنىڭ زىيانغا چىقىشى، بازار يۆنىلىشنىڭ تەتۈر ئايلىنىشى.

3.ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىش. سودا قىلغۇچىلار سودىنى كونترول قىلىشنى خالىمايدۇ، شۇنداقلا سودىغا مەسئۇل بولمايدۇ. سودا قىلغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەتنى قوبۇل قىلغۇدەك ئىقتىدارى يوق.

4.زىيان تارتقاندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلىنىش، بازار تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىش، شۇنىڭ بىلەن ئىزچىل خاتالىشىپ، كىرىدىغان بازارغا كىرمەي، كىرمەيدىغان بازارغا كىرىۋالىدۇ؛ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندا ئۆزىگە تەمەننا قويىدۇ، ياكى بازاردىن ئۆزىنىڭ قىلغىنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، يەنى زىيادە ئۆزىگە ئىشىنىپ، يۆنىلىشى بىر مۇقۇملاشتۇرۋالسا ئۆزگەرتمەيدۇ، بۇ زىياننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. قەرز ئالغان پۇلغا سودا قىلمايمىز.

6. مال مىقدارى تۇغرا ئەمەس. مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ سودىدا پۇل تېپىش ئارزۇسىدا، سودىدىكى خەۋپ - خەتەرگە سەل قارايدۇ، مەبلەغ باشقۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىغا سەل قارايدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.