مەبلەغ سالغۇچىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق خاتا قاراش

rabigul 2018-04-26 16:43:32

\

مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا كۆرۈلگەن خىلمۇخىل پىسخىكىلىق خاتا قاراش ، خاتا مەشغۇلاتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ھېسابىدىكى مەبلەغدە زىيان كۆرىلىدۇ. شۇڭا مەبلەغ سېلىشتىكى پىسخىكىلىق خاتا قاراشنى تونۇش ۋە يېڭىش تېخىمۇ مۇھىم. تۆۋەندە بىز بىر نەچچە خىل دائىم كۆرۈلىدىغان پىسخىكىلىق خاتا قاراشنى تەھلىل قىلىپ ئۆتىمىز.

1. قارىغۇلارچە ئەگىشىش؛

ئالتۇن بازىرىغا نۇرغۇن مۇرەككەپ ئامىللار تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پىسخىك ھالىتىنىڭ بازارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ. قارىغۇلارچە ئەگىشىش پىسخىكا ھالىتىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار، باشقىلارنىڭ بەس - بەستە چۈشۈشكە ياكى ئۆسۈشكە ئالغىننى كۆرگەندىن كېيىن، ئالدىراپلا ئۆسۈشكە ياكى چۈشۈشكە بازارغا كىرىۋالىدۇ، مانا بۇ بىز دائىم دەيدىغان" قارىغۇلارچە ئەگىشىش" . بۇ خىل پىسخىكىنىڭ تەسىرى ئاستىدا، بازاردا تاسادىپىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزى سېتىۋالماقچى بولغان مەلۇم بىر خىل تۈرنىڭ ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە ئەگەشمەسلىكى كېرەك.

2. ئارىسالدى بولۇش؛

بۇ خىل مەبلەغ سېلىش پىسخىكىسىغا ئىگە مەبلەغ سالغۇچىلار، مەلۇم خىل پۇلنى سېتۋىلىشتىن ئىلگىرى، ياخشى بىر پىلان تۈزۈش، مەبلەغ سېلىش تاكتىكىسىنى ياخشى ئويلىشىش كېرەك؛ لېكىن باشقىلارنىڭ " قوي پادىسى پىسخىكىسى " نىڭ تەسىرىدە، مەلۇم پۇل بازىرىغا قەدەم قويغاندا، كۆپ ھاللاردا ئاكسىيە بىلەن بىرىكتۈرۋالسا بولمايدۇ، بازاردا بىرە ئۆزگىرىش بولسا، ئۆزىنىڭ مەبلەغ سېلىش لايىھىسىنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ. ئارىسالدى بولۇش ئاساسلىقى ھالقىلىق پەيتتە، ھۆكۈم چىقىرالماي، ياخشى پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇش.

3. ئىرادىنىڭ چىكى يوق؛

مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سېلىنما پايدىغا ئېرشىشى ھەقلىق، لېكىن بەك ئاچكۆزلۈك قىلماسلىق كېرەك؛ بەزى ۋاقىتتا، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەغلۇبىيتىنى زىيادە ئاچكۆزلۈك كەلتۈرۈپ چىقارغان.

بەزى پۇل بازىرىدا بۇ خىل ئاچ كۆز مەبلەغ سالغۇچىلار ئاز ئەمەس. شۇڭا بەزى ۋاقىتتا باشقىلارنىمۇ، ئۆزىڭىزنىمۇ كونترول قىلىپ بولالمايسىز. ھەر قېتىم مەلۇم خىل پۇلنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتكەندە، قولدىكى مالنى سېتىپ چىقىرىش، چىقارماسلىققا نىسبەتەن كەسكىن ھۆكۈم چىقىرالمىسا، بىر قېتىم سېتىش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچكەن بولدۇ. ھەر قېتىم مەلۇم خىل پۇلنىڭ باھاسى چۈشۈۋاتقان چاغدا، ئۆسۈشكە كىرىشكە قوشۇلماي، باھانىڭ تېخىمۇ چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلسا، بۇ خىلدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار گەرچە ئۆسۈشكە ئەگىشىپ كىرسىمۇ، چۈشۈشكە ئەگىشىپ كىرگەنلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىپادىلىنىش شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ؛ لېكىن بىر ئورتاقلىق بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىگە ئۆزى ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار پەقەت يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئويلاپ، يۇقىرى پايدا ئىچىدە يۇقىرى خەۋپ-خەتەر بارلىقىنى ئويلىمايدۇ.

شۇڭا، ئۆسۈشكە كىرىپمۇ، چۈشۈشكە كىرىپمۇ پۇل تاپقىلى بولدۇ، لېكىن ئاچكۆزلۈك قىلىپ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئاچكۆزلۈك قىلىپ، دائىم باشقىلارنىڭ تەلىيىگە ھەۋەس قىلماي، سودا تەھلىلگە، ئۆزى سودا قىلىۋاتقان شىركەتكە ئېشىنىش، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ۋەزىيەتكە قارىتا ھۆكۈم چىقىرىپ كەسكىن ھەرىكەت قىلىش كېرەك.
(داۋامى بار )
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنى قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.