2017-يىلى 5-ئاينىڭ22 -كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2017-05-22 11:42:21

\

ئاساسىي ئانالىز
دۈشەنبە (5-ئاينىڭ 22-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا كۈمۈش باھاسى 17.16 دوللار ئەتراپىغا چىقىپ، ئۈچ ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى. ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا زۇڭيۇڭى تىرامپنىڭ «روسىيە ئىشىكىدىن بۆسۈپ كىرىش» ۋەزىيىتى كۈچىيىپ دوللارنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن كۈمۈش باھاسى 2% ئۆسۈپ كەتتى . بۇ ھەپتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ FBIئىدارە باشلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى نۇتۇقى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ مۇھىم يىغىنى ھەمدە نۇرغۇنلىغان سىياسىي ئەمەلدارلارنىڭ سۆزى.


مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.ئالدىنقى جۈمە كۈنى كۈمۈش باھاسى 16.88-16.54 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، جۈمە كۈنى ئەتىگەنكى تەھلىلدە بىز كۈمۈشنى 16.70-16.75 دىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، كۈندۈز تەرەپتە كۈمۈش باھاسى ئەڭ يۇقىرى 17.75 دوللار ئەتراپىغا چىقتى، ھەم كەچ تەرەپتە بىز يەنە كۈمۈش باھاسىنى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، كەچلىك بازاردا كۈمۈش باھاسى ئەڭ يۇقىرى 16.88 دوللار ئەتراپىغا چىقىپ 16.72 دوللار ئەتراپىغا چىقتى، ئەگەر مۇشۇ بۇيىچە سودا قىلالىغان بولساق كۈمۈشتىن 3-16 نۇقتا پايدا ئالغان بولىمىز.

2.بۈگۈن كۈندۈزدىكى بازاردا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز؛ تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتنى qqvip توپقا يوللايمىز.


ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10605.55

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:16.95

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.