2017-يىلى 3-ئاينىىڭ24-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2017-03-24 11:33:42

\

ئاساسىي ئانالىز
جۈمە (3-ئاينىڭ24-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا كۈمۈشنىڭ باھاسى 17.56 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. پەيشەنبە (3-ئاينىڭ23-كۈنى) سەھەردە كۈمۈش باھاسى قايتىدىن 17.68 دوللار ئەتراپىغا چىقىپ ئېككى ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى، لېكىن ئارقىدىنلا ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق ئۇچۇرىنىڭ ياخشى چىققانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كىيىن، ئامېرىكا دوللىرى قايتا ئۆرلەپ كەتتى، ھەم كۈمۈش باھاسىنىڭ كۈنلۈك ئۆسۈش سىزىقى كىچىكلەپ، كۈمۈش باھاسى 17.58 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ قالدى. جۈمە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تىرامپنىڭ داۋالاش سۇغۇرتىسىنىڭ قانۇن لاھىيەسىگە بولغان قارارى، ئەگەر بۇقېتىمقى قاراردا مەغلۇپ بولسا، تىرامپ بىلەن پارلامېنت جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ كەلگۈسى ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش باج - ھەق ئىسلاھاتى قاتارلىق سىياسەت تېخىمۇ كۆپ توسقۇنلۇق ئۇچراپ ئىچكى كۈرەشكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال كۈمۈشكە پايدىلىق.


مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.پەيشەنبە كۈنى كۈمۈشنىڭ باھاسى17.69-17.50 ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. تۆنۈگۈن بىز ئەتىگەنكى تەھلىدە 17.40-17.35 ئەتراپىدىكى باھالارغا پۇرسەت بەرسە ئۆسۈشكە ئالىمىز، چۈشۈشكە مال ئېلىش ئۈچۈن 17.50 دىكى يۇقىرى باھالارغا دېققەت قىلىمىز دېگەن ئىدۇق. كۈندۈزدىكى باھا ئەڭ تۆۋەن 17.52 ئەتراپىدا بۇلۇپ، چۈشۈشكە مال ئېلىشقا پۇرسەت بەردى، كەچ تەرەپتە بىز يەنە ئەتىگەنكى تەھلىل بۇيىچە بازار كۆزىتىشنى ئاسس قىلغان ئىدۇق، لېكىن كۈندۈزدىكى چۈشۈشنىڭ مېلىنى چىقىرىشقا پۇرسەت بەرمىدى، كەچ تەرەپتە كۈمۈشنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 17.57 ئەتراپىدا بولغان بۇلۇپ، چۈشۈش مېلې بار خېرىدارلار مۇشۇ باھالار ئەتراپىدىن چىقارغان بولساق 5 نۇقتا زىيان تارتقان بولىمىز.

2.بۈگۈن كۈمۈشنى چۈشكەندىن كىيىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز ؛ تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتنى qqvip توپقا يوللايمىز.


ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10303.74
بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: 17.70-17.50

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.