2017-يىلى 2-ئاينىىڭ10-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2017-02-10 11:10:36

\

ئاساسىي ئانالىز
جۈمە(2-ئاينىڭ10-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا كۈمۈش باھاسى كەچتىكى چۈشۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەڭ تۆۋەن نۇقتا 17.55 دوللار ئەتراپىغا چۈشتى. پەيشەنبە (2-ئاينىڭ9-كۈنى)ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتىلىك باج پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، شۇنداقلا ئامېرىكا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ كۈچلۈك بولىشى، دوللارنى بىر سېۋەت پۇلغا ئوبۇرتلاشتۇرۇش ئومۇمىي يۈزلۈك ئۆرلىدى، ھەم شۇ كۈندىكى كۈمۈشنىڭ باھاسى ئۈچ ئايدىن بۇيانقى%1 چۈشۈپ، ئەڭ تۆۋەن نۇقتا 17.63 دوللار ئەتراپىغا چۈشتى. جۈمە كۈندىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتى، ياۋروپا - ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى بىلەن كەچتىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى رەئىسنىڭ سۆزى.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
پەيشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى 17.85-17.54 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. تۆنۈگۈن بىز كۈمۈشنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك يۆلىنىشى ئۆرلەش، كۈمۈشنى بۈگۈن سودا قىلغاندا ئېھتىيات بىلەن سودا قىلىمىز، كۈمۈشنى 17.85-17.95 ئەتراپىدىكى باھالار كۆرۈلسە چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 17.60 دوللارغىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق. ئەتىگەنلىك بازاردا مال ئېلىشقا پۇرسەت بېرىپ يۇقىرى باھا 17.84 دوللار ئەتراپىغا چىقتى، ھەم پايدا رايۇنغىمۇ يەتتى؛ كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا كۈمۈشنى بىز يەنە كۈمۈشنى 17.90-17.85 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 17.70 گىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق، مال ئېلىشقا پۇرسەت بەردى، ھەم پايدا رايونغا يېتىپ تۆۋەن باھا 17.61 ئەتىراپىغا چۈشتى؛ بىز يەنە قولىمىزدىكى چۈشۈش مېلىنى پايدا رايوندا چىقىرىۋېتىپ، كۈمۈش باھاسى قايتىدىن 17.70 ۋە ئۇنىڭ يۇقىرىسىدىكى باھالار شەكىللەنگەندە چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى17.60-17.55 گىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ تەھلىل بويىچە مال ئىلىش نۇقتىسىغا پۇرسەت بەردى، ھەم بۈگۈن بازار ئېچىلغاندا مالنى چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئومۇمەن تۈنۈگۈن كۈمۈش سودىسى تەھلىل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى؛ ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 45 نۇقتا پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن كۈمۈشنىڭ يۆنىلىشى ئاۋۋال ئۆرلەپ ئاندىن چۈشۈشنى ئاساس قىلىدۇ؛ مەشغۇلاتنى qqvip توپقا يوللايمىز.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10410.74
بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: 17.50

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.