2017-يىلى 2-ئاينىىڭ8-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2017-02-08 10:58:53

\

ئاساسىي ئانالىز
چارشەنبە (2-ئاينىڭ 8-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا كۈمۈشنىڭ باھاسى 17.70 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىدى. سەيشەنبە (2-ئاينىڭ 7-كۈنى) گەرچە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بىر سېۋەت پۇلغا ئوبۇرتلىنىشى ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن كۈمۈش باھاسى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 17.56 دوللارغا چۈشكەندىن كىيىن قايتا سۈرئەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى. ھەم يۇقىرى نۇقتىسى 17.80 دوللارغا چىقىپ ئۈچ ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا 17.70 دوللار ئەتراپىدا بازار يېپىلدى.چارشەنبە كۈنىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتى بولسا ياۋروپا - ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلىرىدا.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.سەيشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى 17.55-17.80 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. تۆنۈگۈن بىز كۈمۈشنى 17.55-17.50 دوللار ئەتراپىدىكى باھالارغا چۈشكەندە ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 17.80-18 دوللارغىچە كۆرسەك بولىدۇ دېگەن ئىدۇق. ياۋروپا بازىرى ۋاقتىدا مال ئېلىشقا پۇرسەت بېرىپ تۆۋەن باھا 17.55 دوللار ئەتراپىغا چۈشتى، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا ئەتىگەنلىك تەھلىلدە دېگەن بىرىنچى پايدا رايونىغا يەتتى؛ ئەگەر تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بۇلساق 25 نۇقتا پايدا ئالغان بولىمىز.


2.بۈگۈن كۈمۈشنى سودا قىلغاندا يەنىلا ئالتۇن باھاسىغا قارايمىز؛مەشغۇلاتنى qqvip توپقا يوللايمىز.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10410.74
بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: 17.80

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.