2017-يىلى 2-ئاينىىڭ7-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2017-02-07 10:48:37

\

ئاساسىي ئانالىز
سەيشەنبە (2-ئاينىڭ7-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا كۈمۈشنىڭ باھاسى كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلەپ، 17.70 دوللار ئەتراپىغا چۈشتى. دۈشەنبە كۈنى بازاردا ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا سىياسى ۋەزىيىتىگە قارتا ئەندىشە پەيدا بۇلۇپ ، ئامېرىكا دوللىرى بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىدى، شۇ سەۋەپتىن كۈمۈش باھاسى چوڭ دائىرىدە%1 ئۆرلىدى، ھەمدە يۇقىرى باھاسى 17.77 دوللار ئەتراپىغا چىقىپ ئۈچ ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتتى. سەيشەنبە كۈنىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى يەنىلا ئامېرىكا سودا ھېساباتى قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.دۈشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى17.52-17.76 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۆنۈگۈن بىز كۈمۈشنى 17.62-17.65 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 17.40-17.45 گىچە كۆرىمىز، ئۇنىڭدىن كىيىن 17.40 دىن چۈشۈپ كېتەلەمدۇ يوق دىققەت قىلىمىز، ئەگەر 17.40 دىن چۈشۈپ كېتەلىسە 17.26-17.30 ئەتراپىدىكى باھالار شەكىللەنگەندە ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 17.60 نىڭ يۇقىرىقى نۇقتىلىرىغىچە كۆرسەك بولىدۇ دېگەن ئىدۇق، كۈندۈزدىكى بازاردا مال ئېلىشقا پۇرسەت بەردى، لېكىن پايدا رايونىغا يەتمەي تۆۋەن باھا 17.52 دوللار ئەتىراپىغا چۈشتى، كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىن بىز يەنە كۈمۈشنى ئالدىراپ ئۆسۈشكە ئالماي قولىمىزدا كۈمۈشنىڭ چۈشۈش مېلى بولسا پايدىسىنى 17.53-17.45 گىچە كۆرسەك بولىدۇ دەپ ئەسكەرتكەن، لېكىن كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا كۈمۈش باھاسى ئۆرلەشنى ئاساس قىلىپ يۇقىرى باھا 17.76 دوللار چىقتى؛ ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 10 نۇقتا ئەتىراپىدا زىيان كۆرۈلدى؛

2.بۈگۈن سودا قىلغاندا، كۈمۈش باھاسى چۈشكەندىن ئۆرلەشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز؛سودا مەشغۇلاتنى qqvip توپقا يوللايمىز.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10410.74
بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: 17.50


ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.