2017-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

zumrat 2017-01-16 11:56:24

\

ئاساسىي ئانالىز

دۈشەنبە (1-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا كۈمۈش باھاسى كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ 16.92ئەتراپىغا چىققان، يەكشەنبە كۈنىدىكى ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپادىن چېكىنىش خەۋىرى بازارغا ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلىپ، ئالتۇن كۈمۈشنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان. جۈمە(1-ئاينىڭ 13-كۈنى) ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىقىپ، كۈمۈش باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ، كۈمۈش باھاسى ئەڭ تۆۋەن 16.58دوللار ئەتراپىغا چۈشكەن، بىراق ئارقىدىن يۇقىرى ئۆرلىگەن. بۇ ھەپتە بازارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسسا مېينىڭ سۆزى، ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ يىغىنى، تىراپنىڭ پرېزىدېنتلىققا ئولتۇرۇش نۇتىقى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلېننىڭ نۇتۇق سۆزى.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە

1.جۈمە كۈنى كۈمۈشنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 16.58-16.84 دوللار ئارلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، جۈمە كۈنى بىز كۈمۈشنى 16.60 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ ، پايدىسنى 16.70-16.85 دوللار ئەتراپىغىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق بازار مۇشۇ بويىچە ئېلىپ بېرىلدى، ئەگەر كۈمۈشنى تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 10-15 نۇقتىغىچە پايدا كۆرگەن بولىمىز.

2. بۈگۈن سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۆرلەشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز . تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتنى qqvip توپقا يوللايمىز.



ئەڭ يېڭى
كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 10524.06

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
17.10

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.