2016-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

zumrat 2016-06-27 11:20:49

\

ئاساسىي ئانالىز

دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا كۈمۈش باھاسى ئاسىيا بازىرىدا كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلەپ ، 17.70 دوللارنىڭ تۆۋەنكى نۇقتىلار ئەتراپىدا بولدى . ھەمدە 17.66 دوللارغا چۈشۈپ تۆۋەن باھانى كۆرسەتتى . جۈمە كۈنى ئەنگلىيىدە ئومۇمنىڭ ئاۋاز قوشۇش ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى " ياۋرودىن چېكىنىش " بولغانلىقتىن ، پۈتۈن دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا كۈچلۈك تەۋرىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، خەۋپ - خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . كۈمۈش باھاسى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ بىراقلا %6 يۇقىرى ئۆرلەپ ، 2015 -يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 18.32 دوللارنىڭ يۇقىرى باھاسىنى كۆرسەتتى . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بۇلدىغىنى ئامېرىكىنىڭ بىر قاتار ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى ۋە " ئەنگىليەنىڭ ياۋرودىن چېكىنىش " ۋەقەسىنىڭ كېيىنكى تەرەقىيات تېمىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار

مەشغۇلات باسقۇچى

1. كۈمۈش باھاسى ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ ، تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 3909 دىكى باھادا بولدى . نۆۋەتتە كۈمۈشنىڭ توسالغۇ نۇقتىسى 3670 دىكى باھا بۇلۇپ ، بۇ يىل ئاخىرىغىچە توسالغۇ نۇقتىسىدىن ئۈتۈپ كىتەلەمدۇ يوق بۇ ئالتۇننىڭ توسالغۇ نۇقتىسىدىن ئۈتۈپ كىتىش - كىتەلمەسلىكىگە باغلىق . بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈش يۇقىرى باھا 3824دىن 3767 گىچە بولۇپ ، بازار ئېچىلىش باھاسى 3788 دىكى باھادا بولدى . بىز بۈگۈن سودا قىلغاندا ئاۋال ئۆرلەپ ، ئاندىن چۈشۈشنى ئاساس قىلمىز ھەمدە 3788-3796دىكى باھادىن يىنىك ەرىجىدە چۈشۈشكە ئېلىپ ، پايدىسىنى 3692-3735دىكى باھالاردا كۆرۈشكە بۇلىدۇ .

2.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

3824، 3692

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ




سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.