2016-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

karima 2016-06-21 11:17:18

\

ئاساسىي ئانالىز
سەيشەنبە كۈنى خەلقئارا كۈمۈش باھاسى ئاسىيا بازىرىدا كىچىك دائىرىدە ئۆسۈش شەكىللەندى ، ھەر ئۇنسىيە كۈمۈش باھاسى ئەڭ يۇقىرى نوقتىغا يتىىپ ، 17.58 دوللار بولدى . دۈشەنبە كۈنى ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى تەكشۈرۈش تەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشىچە ، ئەنگىليىنىڭ "ياۋرودا قېلىش "نى قوللاش نىسبىتى ئۆرلىدى ، دۇنيا پايچېكى بازىرىنىڭ چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى . لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن دوللارغا ئالماشتۇردىغان باشقا پۇللار داۋاملىق ئاجىزلىدى. تۈنۈگۈن كۈمۈش باھاسى 17.27-17.64 دوللارئارلىقىدا كەڭ دائىرلىك تەۋرىنىش ئېلىپ باردى . سەيشەنبە كۈنى كەچلىك بازاردا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بۇلدىغىنى ، ئامېرىكا فېدىراتىسىيە زاپاس پۇل كومتىتىىنىڭ رەئىسى يېللۇننىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى گۇۋاھلىق سۆزى مەزمۇنى ، ئەگەر گۇۋاھلىىق سۆزى مەزمۇنىدا ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىپادىلىرى كۈرۈلىسە ، كۈمۈش باھاسىنىڭ يەنە بىر قەدەم ئۆرلىشىگە ياردىمى بۇلىشى مۇمكىن .

مەشغۇلات باسقۇچى

1. تۈنۈگۈن كۈمۈش باھاسى ئاسىيا بازىردىكى بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى ئەڭ يۇقىرسى 3730 يۈەندىن 3651 يۈەن ئەتراپىدا تەۋرەندى . ئۇمۇمەن تۈنۈگۈن تەھلىل بۇيىچە3698 يۈەنىنىڭ يۇقىرسىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ پايدسىنى 3677-3656يۈەن ئەتراپىدا چىقىرىپ پايدا كۆردۇق. تۈنۈگۈنكى بازار ئۇمۇمەن كۈمۈش باھاسى ئۆرلەشنى ئاساس قىلدى . بۇنىڭ سەۋەبى ئالتۇننىڭ 1276 دوللاردىكى تىرەش نوقتىسىنى بۇزۇپ تاشليالمىغانلىقتىن ، كۈمۈش باھاسىمۇ ئالتۇنغا ئەگىشىپ قاڭقىش ھاسىل قىلدى ، كۈمۈش باھاسى يېقنقى بىر نەچچە كۈندە ئالتۇن بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە بولماقتا.
بۈگۈن كۈمۈشنى 3769-3748ئەتراپىدا چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 3684 ئەتراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ، زىياننى3790 دا توختىتىمىز .

2.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

3680 3790

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.