2018-يىلى5-ئاينىڭ17-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2018-05-17 11:06:57

\

ئاساسى ئانالىز

خەلقئارا كۈمۈش باھاسى پەيشەنبە (5-ئاينىڭ17-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا 16.36 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى؛ گەرچە دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ كۈچلۈك ۋەزىيىتىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن كۈمۈش باھاسىنىڭ چۈشۈش ۋەزىيىتى ۋاقتىنچە توختاپ، چارشەنبە كۈنى كىچىك نىسبەتتە ئۆرلىدى؛ نۆۋەتتە نەق مال كۈمۈش باھاسى ئۈچ بۇرجەك ھالىتىنىڭ تۆۋەنكى رېلىسدىكى تىرەش نۇقتىسىغا يېقىنلاشتى؛ پەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا دەسلەپكى ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى، ئامېرىكا فىلادېلفىيە فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ياسمىچىلىق كەسپى كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار ئىپادىسى؛
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.
چارشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى 16.42-16.16 دوللار ئارلىقىدىكى باھالاردا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى؛ چارشەنبە كۈنى كۈندۈزدىكى بازاردا بىز كۈمۈش باھاسىنى 16.40-16.50 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالىمىز، پۇرسەت بەرمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلغان خېرىدارلار 16.35 ئەتراپىدىن بالدۇرراق چۈشۈشكە ئالساقمۇ بولدۇ دېگەن، كۈندۈزى تەرەپتە يۇقىرى باھا 16.32 ئەتراپىغىچە پۇرسەت بەردى، ئەگەر مۇشۇ باھادىن بالدۇرراق چۈشۈشكە ئالغانلار بولسا بىر قىسمىنى 16.27 ئەتراپىدا، يەنە بىر قىسمىنى 16.20 ئەتراپىدا چىقىرىپ تۇرۇشقا ئەسكەرتىش بەردۇق؛ كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا كۈمۈش باھاسىنى 16.30-16.40 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن، كەچتە 16.30 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەردى، تەھلىل بويىچە ئالغان چۈشۈش ماللىرىنى كەچ تەرەپتە ئارام ئېلىشتىن بۇرۇن پۇرسەت بەرسە ئىز باھاسىغا ياكى ئازراق پايدىسىغا چىقىرىپ تۇرۇشقا ئەسكەرتىش بەرگەن، ئەگەر چۈشۈش مېلىنى ساقلاۋاتقانلار بولسا بۈگۈن پۇرسەت بەرگەندە مۇۋاپىق باھالاردا چىقىرىشقا دىققەت قىلايلى؛

2.بۈگۈن كۈمۈش باھاسىنى سودا قىلغاندا كۈندۈزى تەرەپتە يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز؛ كونكېرىت سودا تەھىلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 9998.98 توننا

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار : 16.10
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.