2018-يىلى4-ئاينىڭ20-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2018-04-20 11:11:41

\

ئاساسى ئانالىز
خەلقئارا كۈمۈش باھاسى جۈمە ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈش باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ يېنىك دەرىجىدە چۈشتى، ئاساسلىقى بازارغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك ئامىل يوق، ھەمدە دوللار ئۆرلەپ، خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى تۆۋەنلىدى. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيە 3-ئايلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار باھا كۆرسەتكۈچى ھەمدە ئوپىك بىرلەشمىسى مىنىستىر دەرىجىلىك ھەيئەتلەر يىغىنى قاتارلىقلار.
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.پەيشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى 17.08-17.35 ئارىلىقىدىكى باھالاردا تەۋرىنىش ئىلىپ باردى، تۈنۈگۈن بىز ئاسىيا بازىرىدا كۈمۈش باھاسىنى 17.10-17 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئالىمىز، زىيان نۇقتىسىنى 16.80 ئەتراپىغا تەڭشەيمىز دېگەن، لېكىن ئۆسۈشكە ئالىدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمىدى، چۈشتىن كىيىنكى ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈش باھاسىنى 17.15 ئەتراپىدىكى باھادىن ئۆسۈشكە ئالىمىز، زىيان نۇقتىسىنى 16.80 ئەتراپىغا تەڭشەيمىز، پۇرسەت بەرمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلغانلار بالدۇرراق كىرسەكمۇ بولىدۇ دېگەن، كىيىن بازارغا كىرمەسلىكنى ئەسكەرتتۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا بازارغا كىرمەي بازار كۆزىتىشنى ئاساس قىلىپ 17.10 دىكى باھادىن چۈشەلەمدۇ يوق دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتۇق، تۈنۈگۈن كۈمۈش سودىسىدىن پايدا زىيان شەكىللەنمىدى.
2.بۈگۈن سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز؛ كونكېرىت سودا تەھىلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى :9959.22 توننا

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار : 17
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.