2018-يىلى1-ئاينىڭ23-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2018-01-23 10:58:35

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارا كۈمۈش باھاسى دۈشەنبە(1-ئاينىڭ 23-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا 17 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى؛ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسى بۇ قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، ۋاقتىنچە چىقىملىق قانۇن لايىھەسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قىلىشى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن كۈمۈش باھاسىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىدى. دۈشەنبە(1-ئاينىڭ 22-كۈنى) ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھۆكۈمەت تاقىلىپ قىلىش كېلىشىم ھاسىل قىلىشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دوللار ۋە ئامېرىكا قەرز پايدا نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىدى، ھەم ئامېرىكا پاي چېكى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى شەكىللەندۈردى؛ شۇ سەۋەبتىن كۈمۈش باھاسى تار دائىىردە تەۋرىنىش ھالىتىگە كىرىپ، 17.12 دوللار ئەتراپىدا بازار يېپىلدى؛ سەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولىدىغىنى ياپونىيە ئۆسۈم نىسبىتى قارارىنىڭ دوللار پېرېۋوت نىسبىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئامېرىكا رايون فېدېراتسىيە ياساش كەسپى قاتارلىق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار ئىپادىسى.
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.
دۈشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى 17.09-16.92 دوللار ئارىلىقىدىكى باھالاردا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى؛ تۈنۈگۈن كۈندۈزدىكى بازاردا بىز كۈمۈش باھاسىنى 17.10-17.20 ئارىلىقىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 17-16.90 ئەتراپىغىچە كۆرىمىز دېگەن، ئاسىيا بازىرىدا يۇقىرى باھا 17.02 ئەتراپىغا چىقىپ چۈشۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى؛ چۈشتىن كېيىنكى ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈش باھاسى 17.10 دىن ئاشالماي قالسا 17.06 ئەتراپىدىن يېنىك دەرىجىدە چۈشۈشكە ئالساقمۇ بولدۇ دېگەن، چۈشتىن يۇقىرى باھا 17.05 ئەتراپىغا چىقتى؛ 17.05 ئەتراپىدىن ئالغان مالنى كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 17.03 ئەتراپىدا چىقىرىپ تۇرۇشقا ئەسكەرتىش بەردۇق؛ كەچلىك بازاردا ئوخشاشلا كۈمۈش باھاسىنى 17.10-17.20 ئارىلىقىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 17-16.90 گىچە كۆرىمىز دېگەن، كەچ تەرەپتە سائەت 10:00 دىن بۇرۇن يۇقىرى باھا 17.08 گىچە پۇرسەت بەردى، ئەگەر مۇشۇ باھادىن بالدۇرراق چۈشۈشكە ئالغانلار بولسا كەچ تەرەپتە 17.05 ئەتراپىدا چىقىرىشقا ئەسكەرتىش بەردۇق؛ ئومۇمەن تۈنۈگۈن مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 5 نۇقتا ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛
2.بۈگۈن كۈمۈشنى سودا قىلغاندا كۈندۈزدىكى بازاردا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز؛ كونكېرىت سودا تەھىلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى :9772.08 توننا

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار :17.40
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.